باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
جۇڭگو چىمپىيون بولدى,شىرئەلىجان 2012-يىلىدىكى ئولمىپىك مۇسابىقىسىگە بارىدۇ
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-09-27 12:04:23  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سوغۇ تورى   ئاۋاتلىقى:280   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

بايام ئاخىرلاشقان 26-نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كۇماندىسى ئىئوردانىيە كۇماندىسىنى 1نۇمۇر پەرق بىلەن ئۇتۇپ بۇ قىتىملىق ئاسىيا چىمپىيونى بولدى.

مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 8سىكونت ۋاقتىدىكى قارشى تەرەپ ئاتقان توپ چۈشمىگەندىن كىيىن  تەڭرى تېغىنىڭ جەنوپ شىمالى تەڭلا تەۋرىدى،بۇغدا چۇققىسى بۇ تارىخىي مىنوتلارغا شاھىت بولدى،تارىم دەرياسى ئەجداد كۆز-يېشى بىلەن تولغان سۇلىرى بىلەن ئۇغلانلىرمىزنىڭ كۆزىدىكى يېشى بولدى،مۇز تاغ ئاتا ئۆزىنىڭ قوينىدىن مۇشۇنداق بىر قەيسەر،تىرىشچان قارىغايدەك ئۆرۈلمەس ئىرادىسىنى زىممىسىگە ئالغان،تەڭرى تېغىنىڭ جەنوپ شىمالىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ،ئوغۇز سۈتى ئەمگەن ئوغۇزخاننىڭ قىنىغا ۋارىسلىق قىلغان بۇ ئەزىمىتىنى ئۆزىنىڭ ئاپئاق ساقاللىرى ئارىسىغا ئىلىپ باغرىغا باستى،بۇ پەخرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجان شىنجاڭنىڭ سىماسىنى،شىنجاڭلىق ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ جاپاغا چىدايدىغان روھىنى،تەنھەركەتكە بولغان زور ئىشتىياقىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ھالقىتىپ دۇنيا نوپوسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىغان ئاسىيا قىتئەسىگە ئىلىپ باردى.ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن،ئۇنىڭ توپقا بولغان ئىشتىياقىدىن،ئۇنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشتىياقىدىن دۈشمەنلىرى يىقىلدى،رەقىپلىرى ئالدىدا بىر-بىرلەپ يەر چىشلىدى.
شۇنداق بىزنىڭ يولۋاس يەنى پەخىرلىك ئوغلانىمىز خۇتەنلىك ۋاسكىتبول چولپىنى ئادىلجاندىن كىيىن بىزنىڭ يەنە بىر پەخىرلىك ئوغلانىمىز بولغان شىرئەلىجان ئاسىيانىڭ چىمپىيونى بۇلۇپ بىزنىڭ يۈزىمىزنى يورۇق قىلدى.مىڭلىغان،ئونمىڭلىغان شىنجاڭلىق توپچى بالىلارنىڭ يۈزىنى ئوچۇق قىلدى.ئۇنىڭدىن،ئۇنىڭ توپ تىخنىكىسىدىن گۇمانلانغان بارلىق ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىسى،ھەممىنى قايىل قىلىدىغان توپ ئىلىپ مىڭىش ماھارىتى،مەيداندىكى ھارماس مۇداپىيە قىلىدىغان كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئادەملەرنى قايىل قىلىپ بۇ قىتىملىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسنىڭ يورۇق نۇقتىسى بۇلۇپ قالدى.
ئۇ ھەرقىتىم مۇسابىقىگە چۈشكەندە بارلىق كىشىلەرنىڭ كۆزى بۇنىڭدا بولدى،ئۇنىڭ تىزرەك نۇمۇر ئىلىشىنى تىلىدى،ھەمدە ئالقىشلىدى،مانا ئۇ ئۆزى كۇماندىدىكى ياش ئەزالارنى يىتەكلەپ ئالدىدىكى 5مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقسى ھەم ئىككى مەيدان شاللاش مۇسابىقىسدە مەيدانغا چىقىپ كۇماندا ئەزالىرنى يىتەكلەپ يۇقۇرى نۇمۇر پەرقى بىلەن رەقىپلىرنى بىر-بىرلەپ يىڭىپ ئۆزنىڭ تالانتىنى،دىڭخۇرادنىڭ ئۇنى بىكار تاللىمىغانلىقىنى،تاللىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بارلىقىنى بىزنىڭ ئوغلانىمىز شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ ئەمەليىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991