
ئامېرىكىدىكى داڭلىق تور پونكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،سابىق ئامېرىكىنىڭ ئۇچار ئادىمى،ۋاسكېتبول چولپىنى مايكول جوردان مۇھەببەتلىشىپ يۈرگىنىگە ئۇزۇن بولغان داڭلىق مودېل ئىۋلىت پولىت بىلەن تويىغا چاي ئىچۈرۈلگەن.بۇنىڭ بىلەن جوردان ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھى. پۇلىت بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرى جوردان،توي قىلغىلى 17 يىل بولغان ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن،ئۇ ئايالىغا 168 مىليون دوللارلىق ئاجرىشىش ھەققى تۆلىگەن.بۇ ھازىرقى تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئاجرىشىش ھەققى رېكورتىنى ياراتتى.بۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرىكى ئايالى باللارغا ھامىيلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە چىكگاگودىكى بىر قورۇققا ئېرىشكەن.ئەمەلىيەتتە جوردان ئىلگىرىكى ئايالىغا 300 مىليون دوللار بەرگەن. ئاجراشقاندىن كىيىن جوردان ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىنى تاپقان،يەنى كۇبالىق مودېل پۇلىتو بىلەن ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن.ئىككىسى مىئامىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكى خەلقىئالەمگە ئاشكارا بولغان.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار كۆپلىگەن چوڭ سورۇنلاردا بىللە قول تۇتۇشۇپ يۈرگەن. ئامېرىكىدىكى بۇ تور بەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە جوردان ئۆزىدىن 16 ياش كىچىك بۇ مودېل بىلەن توي قىلىپ،بىر ياستۇققا باش قويۇش قارارىغا كەلگەن. |