
تۈنۈگۈن كەچ9-ئاينىڭ19-كۈنى كەچ سائەت8:00ۋۇخەندە ئۈتكۈزۈلۋاتقان ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىيىنكى مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىز كۇماندىسى سۈرىيە كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. ۋۇخەن تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلانغان Fگۇرۇپپىنىڭ دەسلەپكى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىز كۇماندىسى ساھىپخانلىق سالاھىيتى بىلەن سۈرىيە كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ نەتىنجىدە رەقىبىنى 90:71 نەتىنجە بىلەن يىڭىپ بۇ قىتىملىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيانقى ئۇدا تۈتىنچى مەيدان غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
لىكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز كۇماندىسى 71نۇمۇر كەتكۈزۈپ قۇيۇپ بۇ قىتىملىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نۇمۇر كەتكۈزۈشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدىكەن. سۈرىيە كۇماندىسىنىڭ نەتىنجىسى 1مەيدان ئۇتۇپ 3مەيدان ئۇتتۇرۇشقا ئۆزگۈرۈپ بۇ قىمتىملىق مۇسابىقىدىكى 3-مەيدان مەغلوبىيىتىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن 9-ئاينىڭ20-كۈنى كەچتە دۆلىتىمىز كۇماندىسى كىيىنكى مۇسابىقە جەريانىدىكى ئىككىنچى رەقىبى يەمەن كۇماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ،دۆلىتىمىز كۇماندىسىنىڭ بۈگۈنكى رەقىبى سۈرىيە كۇماندىسى بولسا ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى كۇماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ.
|