باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋۇخەنگە يىتىپ كەلدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-09-16 10:46:35  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:شىنخۇا تورى   ئاۋاتلىقى:104   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
    تۈنۈگۈن جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇماندىسى ۋۇخەنگە يىتىپ كەلگەندىن يىكىن تۇنجى بۇلۇپ مەشىق ئىلىپ باردى،ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى بۇ قىتمىلىق مەشىقنىڭ ۋاقتى بىلەن مەشىق جەريانىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان جازا توپ ئىتىش مەشىقى بولدى.
دىڭ خۇارد تۇنجى مەشىقنىڭ ۋاقتىنى 150مىنوت قىلغاندىن سىرىت يەنە مەشىق جەريانىدا 40مىنوتلۇق جازا توپ ئىتىش مەشىقى قىلدۇردى.

    تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كۇماندىسى خۇنەندىكى مەشىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن يولغا چىقىپ ۋۇخەنگە كەلگەن بۇلۇپ ۋۇخەنگە كىلىپ مىھمانخانىغا چۈشۈپ بولغۇچە چۈشتىن كىيىن سائەت 4بولغانىدى،شۇ كۈنى جۇڭگو كۇماندىسى مەشىق ئورۇنلاشتۇرمىدى،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كۇماندىسى يىقىن يەردىن بىر بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش مەركىزىنى تىپىپ شۇ يەردە كۈچ مەشىقى ئىلىپ باردى.
چۈشتىن كىيىن سائەت 4تە جۇڭگو كۇماندىسى ۋۇخەن تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ قۇشۇمچە مەيدانىغا كىلىپ مەشىق قىلدى،ھەمدە ۋۇخەنگە كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى مەيدان مەشىقىنى قىلدى.
    مۇخبىرنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك جۇڭگو كۇماندىسى بۇ قىتمىلىق مەشىقىنى يىپىق ھالەتتە ئىلىپ باردى،بۇ خىلدىكى مەشىق ئۇسۇلى بۇ قىتىملىق ئاسىيا لەۋھەسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىشقا قەدەر داۋاملىشىدىكەن.
بۇ خىلدىكى يىپىق ھالەتتىكى مەشىق ئۇسۇلىنى بارلىق تېرنېرلار گۇرۇپپىسى مۇزاكىرە قىلغاندىن كىيىن تەستىقلىغان بۇلۇپ دىڭخۇارد پەقەت مەشىقنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرنى سىرىتقا ئاشكارلايدىكەن.
    بۈگۈن چۈشتىن كىيىن تەنتەربىيە مەيدانىغا كىلىپ جۇڭگو كۇماندىسىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى كۆرگەن مۇخبىرلار ئانچە كۆپ ئەمەس،مەشىقنىڭ يىپىق ھالەتتە بۇلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن بىر قىسىم مۇخبىرلار كەتكەن بۇلۇپ پەقەت بەش ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ مۇخبىرىلا قالغان.
ئەسلى مۇىبىرلارنىڭ پەرىزىدە مەشىقنىڭ ۋاقتى بىر سائەتلا بۇلىدى دىيىشكەنىدى،لىكىن سائەت 6بولغاندىلا ئاندىن مەشىق ئاخىرلاشتى،بۇۋاقىتتا مۇىبىرلار بىلەن توپ مەستانىلىرى بىرلىكتە چارچىدۇق دىيىشىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
   مەشىقنىڭ جەريانىنى يىقىن ئارىلىقتىن كۆرگىلى بولمىغانلىقتىن مۇخبىرلار ئەينەكنىڭ سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ بىر قىسىم ئەھۋاللارنى كۆردى.
بۇ قېتىملىق مەشىقنىڭ مەزمۇنى بەك خىل بولۇپ نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلغان بولۇپمۇ جازا توپ ئېتىش پۈتۈن مەشىقنىڭ نۇقتىسى بولۇپ قالغان،مۇخبىرلارنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا جازا توپ ئېتىش ۋاقتى 40مىنۇت بولغان بولۇپ قارىغاندا جۇڭگو كوماندىسى ئىلگىرى مۇز تاغ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يىتتۈرۈپ قويغان 29نومۇرلۇق جازا توپنىڭ تەمىنى تېتىغان ئوخشايدۇ.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991