27-ئاۋغۇست، 8-نۆۋەتلىك «شاھمات تەشەببۇس لوڭقىسى» جۇڭگو كەسپىي قورشاۋ شاھمات لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە قارشى ئېلىش زىياپىتى بەردى، گۈلى (9-دەرىجە، قورشاۋ شاھماتتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە)، زاجېي (9-دەرىجە)، لىيۇشىڭ (7-دەرىجە)، پىڭ لىشاۋ(5-دەرىجە) قاتارلىق ماھىرلار بۇ قېتىملىق زىياپەتكە قاتناشتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى جۇڭگو قورشاۋ شاھمات جەمئىيىتى، شاڭخەي يىڭچاڭ قورشاۋ شاھمات تەربىيىلەش فوندى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرى، مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكۈچىلەر 400 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 28-ئاۋغۇست، 30-ئاۋغۇست ۋە 31-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى ۋە قارامايلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىقى تۆت ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىش ئۈچۈن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بۇ تۆت ماھىر ئايرىم-ئايرىم 3 مەيداندىن مۇسابىقىلىشىدۇ.


|