يېقىندىلا ئاياغلاشقان ئاسىيا بوكىسيۇر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىدە، شىنجاڭلىق ماھىر مەمەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلار تۈرى بويىچە چېمپىيون بولدى. 13-ئاۋغۇست مەمەتتۇرسۇن شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ كېيىنكى نىشانىنىڭ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى شۇنداقلا يەنە كېلەر يىلى لوندون ئولىمپىك مۇسابىقە سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 1999-يىلى ئابدۇراخمان ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 75 كىلوگراملىقلار تۈرى بويىچە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن شىنجاڭ بوكسىيۇر كوماندىسى 12 يىل بۇ شەرەپكە نائىل بولالمىغان. شۇنداقلا مەمەتتۇرسۇن شىنجاڭ بوكسىيۇر كوماندىسىغا كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ كىچىك مۇسابىقىلەردە نۇرغۇن قېتىم چېمپىيون، ئىككىنچى، ئۈچىنچى بولغان، ئاسىيا لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇش چۈشىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇردى. |