باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ تەنتەربىيەسى >>  
 
شىنجاڭ تۇرپاندىكى يېزا ئۆسمۈرلىرىنىڭ پۇتبۇل پائالىيىتى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-08-17 11:33:10  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:رادىئو تورى   ئاۋاتلىقى:114   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
شىنجاڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قوزغىغان «مەن پۇتبولنى سۆيىمەن، شىنجاڭ يېزا ئۆسمۈرلىرىنىڭ چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پاراۋانلىق پائالىيىتى» 14-ئاۋغۇست تۇرپاننىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدا ئىككىنچى ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى قۇردى.
ھەربىر يېزا ئۆسمۈرنىڭ ئىسمى، ھەربىر پۇتبول سايمانلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان جايدىكى بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئارزۇسىغا ئۈمىد ئاتا قىلدى.
بۇ يىل ئىيۇلنىڭ 23-كۈنى « مەن پۇتبولنى سۆيىمەن، شىنجاڭ يېزا ئۆسمۈرلىرىنىڭ چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پاراۋانلىق پائالىيىتى » تۇرپان يالقۇنتاغ ئېتىكىدە قوزغالغاندىن بۇيان نۇرغۇن مېھىر-شەپقەت ئەلچىلىرى بەس-بەستە بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. بۇ قېتىم قۇرۇلغان ئايدىڭكۆل قىزلار پۇتبول كوماندىسىغا گومىي ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى مەبلەغ ياردىمى قىلغان. ئەسلىدىكى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى تۇرسۇنجان زۇنۇنمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ پىدائىيلىرىدىن بولۇپ، مەخسۇس بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن، ئۇ نەق مەيداندا بالىلارنىڭ پۇتبولنى سۆيۈش روھىدىن تەسىرلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ بۇ بالىلارنى قوللاش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991