2011- يىلى 8- ئاينىڭ 13-كۈنى، بېيىجىڭ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ جەنۇبىي قىيپاش ئۇدۇلىدىكى بىر كىچىك ئورمانلىقتىكى بوش يەردە بىر مەيدان ئالاھىدە «لايدىكى پۇتبول مۇسابىقىسى»ئۆتكۈزۈلدى.پۇتبول ئەترىتىدە قىز -ئوغۇللار ئارىلاش بولۇپ، پاتقاقتا كىشىلەر بىر- بىرىنى تارتىشاتتى.چاچرىغان لايلار ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارغا بېرىپ تەگدى.
2011- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىدا پاتقاق پۇتبول دۇنيا لوڭقىسى جۇڭگو مۇسابىقىسى رەسىمىھالدا كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پاتقاق پۇتبولى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى يېڭى زىللاندىيە كوماندىسى بىلەن جۇڭگو «سەمىمىي بولمىسىڭىز ئاۋارە بولماڭ» كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىدى. ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى زىللاندىيە 5:1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى. ئىككىنچى نۆۋەتلكىك ئولىمپىك شەھىرى تەنتەربىيە مەدەنىيەت بايرىمىدىكى مۇھىم پائالىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ 12 كۈندە 38 ۋەكىل كوماندا شاللاش مۇسابىقىسىدىن ئۆتۈپ بېيجىڭغا كېلىپ مۇسابىقىلىشىدىكەن.


|