ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچى مېسسىي يېقىندا بىرازىلىيەلىك<پۇتبول شاھى> پىلى، مېكسىكىلىق سانچىس بىلەن بىللە < ئىنسانىيەت تارخىي مىراس مۇكاپاتى> غا ئېرىشتى.

ئارگىنتىنا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ باھالاشتا بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغۇچىلار جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور، جەمئىيەتتە ئابرۇي تاپقان داڭلىق شەخىسلەر ئىچىدىن سايلپ چىقىلغان بولۇپ، تۆت ئايلىق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق مېسسىيدىن باشقا يەنە مارادونا، سىتىفانو، كىمپىش، پاسارىرا قاتارلىقلار تاللانغان. مارادونا، كىمپىس، پاسارىرا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە كوماندىلىرىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مېسسىي يەنىلا ئۇلر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. |