
2011-يىللىق شىتانكوۋىچ لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 1-ئاۋغۇست جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خەينىڭ شەھرىدە باشلاندى ،تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئېلىمىز ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچ نومۇر پەرق بىلەن ئافرىقا چېمپىيونى -ئانگولا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جوڭگو گەرچە 67:64نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلار ئافرىقا چېمپىيونىغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .شىرئەلىجان ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە جەھەتتە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ،بۇلۇپمۇ 1-چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى رەقىبىنى ئالداپ يېقىتىۋەتكەندە مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئۇنىڭغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى .بۇ مۇسابىقىنىڭ نەق مەيداندا تارقىتىلىشقا قاتناشقان مەركىزىي تېلىۋىزور ئىستانىسىنىڭ ۋاسكېتبول مۇلاھىزەتچىسى ياڭ يىمۇ شىرئەلىجاننىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى تولىمۇ ياخشى بولدى ،دەپ ئۇنىڭغا ئاپرىن ئوقۇدى .
|