
يېقىندا تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياۋ مىڭنى تەقدىرلەش بىلەن بىللە ،ۋاسكېتبول ساھەسەدىن چېكىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى ،مۇراسىمغا دۆلەت تەنتـەربىيە باش ئىدارىسى ۋە ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قاتناشتى .دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياۋمىڭغا ‹جوڭگو ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى ›،‹تەنتەربىيە پەخرىي مېدالى ›،‹جوڭگو ۋاسكىتبولچىلىقى تۆھپە مۇكاپاتى> ۋە ‹جوڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىي ئەزاسى ›،قاتارلىق مۇكاپاتلارنى بەردى . ياۋمىڭ ئۆزىنىڭ ۋاسكېتبول ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياۋمىڭغا قانداق مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىغان ،مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياۋمىڭغا نەچچە يىلدىن بۇيان جوڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندېسى ۋە ۋاسكىتبول ھەركىتىنىڭ جوڭگودىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى تىلغا ئېلىندى. |