باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ تەنتەربىيەسى >>  
 
غەلبە شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىغا مەنسۇپ بولدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-07-28 15:55:53  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئاۋاتلىقى:290   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

     2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا پۇختا تەييارلىق قىلىپ جوڭگو كوماندىسىغا پاراملىق ماھىر تەربىيلەپ بېرىش ،شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەنھەركەتچىلىرىمىزنىڭ مۇسابىقە تەجرىبىسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان 21-ئىيۇلدىن 24-ئىيۇلغىچە  جوڭگو شىنجاڭ خەلىقئارا بوكىس مۇسابىقىسى ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلدى ،بۇ شىنجاڭ بوكىس كومادىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90يىللىقىغا ئاتىغان يۈرەك سوۋغۇسىدۇر .بۇ مۇسابىقىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇلۇپ ،ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق بوكىس تەنھەركىتى باشقۇرۇش مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان .

   مۇسابىقە كومېتىتى مۇسابىقىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلۇشۇپ بېلەت سېتىشتا ھەربىر تاماشىبىننىڭ كىملىكىنى تىزىملاپ بېلەت سېتىلىش تۈزۈمىنى قوللانغاچقا ،تاماشىبىنلارغا بىر قىسىم قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە كەلگەن ،دۆلەتلىك بوكىس ،تايكۋاندو تەنھەركەتچىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چاڭ جيەنپىڭ شىنجاڭ بوكىسچىلىقى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دېدى :شىنجاڭ بوكىس كوماندىسى مەملىكىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ .ھازىرقى ۋەزىپە 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىش .

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991