25-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋوگزالدا شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك جوڭگو فېيفاڭ ‹ئۈمىد لوڭقىسى ›خەلىقئارالىق ياش -ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى كىچىك ئەزىمەتلەر ۋە تېرنېرلارنى ئۇلارنىڭ ساۋاقداشلىرى ،ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرى ئالدىغا چىقىپ گۈل تۇتۇپ كۈتۈۋالدى . ئىگىلىنىشچە 18-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئۇدا يەتتە مەيدان يېڭىشتەك كۆرىنەرلىك نەتىجە بىلەن كورىيە ،رۇسىيە قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كوماندىلارنى يېڭىپ ئوغۇللارنىڭ 13 ياشلىقلار بويىچە چېمپىيون بولغان . |