بۇ ماقالە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇقۇغۇچىسى مىرزەھەكىم روزىنىڭ شىنلاڭ بىلوگىدىكى شۇ ناملىق ماقالىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.
قاراقاش ناھىيىسى بولسا كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي «يىپەك يولى»نىڭ مۇھىم كېسىشىش نوقتىسى، بۇ يەردىكى كاۋاك يېزىسىدا پەرھات ئىسىملىك بىر ئاددىي ئىشتىن سىرتقى پۇتبول ھەۋەسكارى بار بولۇپ، يەرلىك بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر كىچىك پۇتبول كوماندىسىنى قۇرغان، ساددا دېھقانلار تىرىشچانلىقى بىلەن ئىككى قولىغا تايىنىپ بۇ بالىلارنى بېقىپ ۋە تەربىيەلەپ كەلگەن، پاك دىللىق، شوخلۇق تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك، ئۇلارنىڭ گۆدەك چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ پۇتبول مەيدانى، ئۇلارنىڭ ۋارىتاسى، ئۇلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرى، ئۇلارنىڭ چېنىقىش سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاددىي، جوڭگۇدا مۇشۇنداق توپ تېپىشكە ئامىراق بالىلاردىن يەنە قانچىلىكى بار؟ مېنىڭچە، بەلكىم پەقەت شىنجاڭدىلا بار. شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا كەلسەك، بىزنىڭ ئاڭلىغالىرىمىز ناھايتى كۆپ، بىز ناھايتى كۆپ قېتىم نەپرەتلەندۇق، بىز ناھايتى كۆپ قېتىم ئۈمۈدسىزلەندۇق، بىز نېمە قىلالىدۇق؟ ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى كىشىلەر نېمە قىلدى؟ بىز يەنىلا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مېڭىشىمىز كېرەك، كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى توسۇپ بولالمايدۇ، مەن بۇ رەسىملەرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، خىيال دۇنيارىمدا نۇرغۇن سېلىشتۇرۇشلار پەيدا بولدى، شەھەردە توپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى توپ ئايىقى، كوماندا كىيىمى كېيەلەيدۇ، يەنە تېخى مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتىمۇ بار، ھېچ بولمىغاندا ئۇلار مەكتەپ ئىچىدە رەسمىي ۋارىتانى كۆرەلەيدۇ، بىراق بۇ بالىلارچۇ؟ ياغاچتىن ۋارىتا ياساپ ئوينايدۇ، خۇددى «دۇنيا پۇتبولى» پروگراممىسىدا كۆرسىتىلگەن ئافىرىقىلىق پۇتبولچى بالىلاغا ئوخشاش، مۇشۇلارلا بۇ بالىلارنىڭ خوشال كەيپىياتقا ئېگە قىلىشقا يېتەرلىك. ئۇلار يۇرتىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان، تاشقى دۇنيانى كۆرۈپ باقمىغان، كۆزلىرىنى ئىمىر-چىمىر قىلغۇدەك پۇتبول دۇنياسىنى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇلار تېخى ھېچنىمە سىزىلمىغان بىر پارچە ئاپئاق قەغەز. بەلكىم ئۇلارنىڭ بىلىدىغان پۇتبولى «سەن ماڭا تېپىپ بەر، مەن ساڭا تېپىپ بېرەي» دىگەنلەردۇ. شىنجاڭدا بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئىنتايىن نۇرغۇن، بىز پەقەت يېتەرلىك قازمىدۇق، بىزدە نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بار، ھەممىسىنىڭ بىرلا ئورتاق نىشانى بار، يەنى ئەتىراپىدىكى كىشىلەرنىڭ پۇتبول تېپەلىشىگە ياردەم قىلالىسا، مەيلى ئىقتىساد جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى كەسپىي جەھەتتىن بولسۇن، ھەممىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى قىلدۇق، بۇ رەسىملەر تارقىلىپ ئوزۇن ئۆتمەي ھۇررا كولۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى ساتتار ئەپەندىم مىسران يېمەك ئىچمەك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئوسمان ئەپەندىم بىلەن قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدىغان پىلاننى باشلىۋەتتى، قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە كوماندا كىيىمى، توپ پايپىقى، توپ ئايىقى، ۋە پۇتبوللارنى ئەۋەتتى ھەمدە ئۇلارنى يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشقا ۋە ساياھەت قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. گەرچە بۇ ئۇنچە چوڭ كۆلەملىك ياردەم بولمىسىمۇ، بىراق بۇ كىشىلەر بىر كىشىلىك مېھىرلىك كۆڭلىنى ئىپادىلىدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئەتىراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئويغىتىپ، ئۇلارنى پۇتبول ساخاۋەتچىلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرش.ساتتار ئەپەندىم ماڭا مۇنداق دېدى:«ئۇلار بولسا شىنجاڭ پۇتبول تەنھەركىتىدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان رايۇندا قۇرۇلغان تۇنجى ھۇررا بالىلار پۇتبول كوماندىسى». شىنجاڭدىكى بۇنداق جاي پەقەت مۇزتاغنىڭ بىر بۇلۇڭى، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ يەنە «قاشتېشى پايتەختى»دەيدىغان گۈزەل نامىمۇ بار. بۇ يەردىن نۇرغۇنلىغان ئېسىل قاشتاشلار، مەرۋايتلار، ئالتۇن يەنە ناھايتى مول بولغان تەبىئىي گاز چىقىدۇ، بۇ يەرنى ناھايتى باي دېيىشكە بولىدۇ، بىراق نېمىشقا بۇيەرنىڭ پۇتبولچىلىقىغا ياردەم قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق؟ خېلىلا ئىلگىرى بۇ يەردە ۋاسكېتبولنىڭ ئۇمۇملاشقانلىقىنى ئاڭلىغان، ھەم ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆرگەن. پۇتبول نېمە ئۈچۈن ئۇمۇملىشالمايدۇ؟ بۇ ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇىدىغان مەسىلە. ئۆزۈم بىر ئاددىي پۇتبول خىزمەتچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاشۇ ياخشى كۆڭۇللۈك قوللىرىنى ئۇزاتغان دوسلىرىمغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پۇتبول ساخاۋەتچىلەر پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.














|