باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
NBA نىڭ رەسمىي توختىتىلىدىغانلىقى جاكارلاندى
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-07-01 13:13:00  يازغۇچى:ياسىنجان  كىلىش مەنبەسى:www.sina.com.cn  ئاۋاتلىقى:365   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

ئېلان قىلىش يىغىنىدا دېيۋىد سىتىۋىننىڭ روھى چۈشۈپ سالپىيىپ كەتتى

      بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ 1-كۈنى،ياخۇ تەنتەربىيە ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، NBA نىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە توپچىلار نىيو-يوركتا ئۈچ سائەت سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئاخىرى بىر يەرگە كېلەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. NBA ئىتتىپاقى بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن چۈش سائەت 12 دە رەسمىي توختىتىلىدۇ.
      ئىتتىپاقنىڭ مەركىزى باشقۇرغۇچى خادىمى بېل ھانتىر شۇ جاي ۋاقتى پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن،توپچىلار ۋە خوجايىن يېڭى مائاش كىلىشىمىدە بىرلىككە كېلەلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.مەيلى توپچىلارنىڭ ئىش ھەققى بولسۇن ياكى ئۆزگىرىشچان،مۇقىم مائاشلار بولسۇن،ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ناھايتى چوڭ ئىختىلاپ مەۋجۇت. ھانتىر«مەسىلىگە كەلسەك، خېلى كۆپ تۈرلەردە خېلى چوڭ رەقەم ئىختىلاپى مەۋجۇت،بىز يەنىلا كېلىشەلەيدىغان نوقتىنى تاپالمىدۇق.»دېدى.
      كونا مائاش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:59 دا توشىدۇ.تۆنۈگۈن ئىتتىپاق كومېتېتى كىلىشىمنى توختىتىش ھوقوقى ھۆججىتىنى تەق قىلىپ قويغان،ۋاقىت توشۇشى بىلەنلا كومېتېت كىلىشىمنى توختىتىشنى رەسمىي باشلىدى.
      NBA لىدىرى دېيۋىد سىتىۋىن «بۇ نەتىنجە ئادەمنى ئازتولا ئازابلايدۇ» دېدى. رەسمىي توختىتىلغاندىن كېيىن كوماندا ۋە توپچىلار ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق توختام مۇناسىۋىتى بولمايدۇ،توپچىلارمۇ كوماندا بىلەن سوھبەت ياكى سودا قىلالمايدۇ.
      ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تۆت ئىتتىپاق ئىچىدىكى ئىككىسى توختاپ قېلىشتەك قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى. ئىلگىرى 3-ئايدا،NFL (ئامېرىكا زەيتۇن توپ ئىتتىپاقى) توختىتىلغان، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىنى بۇيان،NBA دىكى توپچى،خوجايىن ئىككى تەرەپ جېنىنىڭ بارىچە سۆھبەتلەشكەن،ئۇلار يېڭى كىلىشىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى،NFL دەك كۈنگە قالماسلىقنى ئۈمىد قىلغان، بۇ بولسا بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ چىقىش نوقتىسى ئىدى. ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ،توپچىلار ئۇيۇشمىسى ھازىرقى ئۆزگىرىشچان مائاش تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش تەكلىپىنى بەرگەن،بىراق كەلگۈسى بەش يىل ئىچدە توپچىلارنىڭ ئومۇمىي مائاشىنى بەش يۈز مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى قىسقارتىشقا قوشۇلغان.
      خوجايىنلار يېڭى كىلىشىم ۋاقتىنىڭ 10 يىل بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلغان،ھەم ئېلاستىكىلق مائاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ لايىھەدە NBA توپچىلىرى مائاشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 62 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئىچىدە كونتىرول قىلىنىدىغانلىقى،ھەم بۇ چەك ھەر خىل ئالاھىدە مائاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغدنلىقى دېيىلگەن. بىراق يېڭى مائاش قۇرۇلمىسىدا،NBA توپچىلىرى ئەڭ يۇقىرى مائاشتىن ھالقىپ كەتسە بولمايدۇ،شۇڭا توپچىلارنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئۆزگىرىشچان ئېلاستىكىلىق مائاش تۈزۈلمىسى يەنىلا ئۆزگەرمەس مۇقىم مائاش تۈزۈلمىسىگە تەۋە.
ئەڭ ئاخىرقى سۆھبەتتە، ئىككىلا تەرەپ يول قويغان.خوجايىنلار كەلگۈسى 10 يىلدىكى توختامدا، توپچىلارنىڭ يىللىق مائاشىنىڭ 2 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاز بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما يېڭى كېلىشىم يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىغان.
     «ناھايتى ئېنىقكى بىز ھازىر ناھايتى ئۈمۈدسىز.» دېدى ۋاكالەتچى باش لىدىر ئادام سىئېرۋو. ئىتتىپاق ئالدىنقى قېتىم 1998-1999 يىلى قىشتا توختاپ قالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مۇسابىقە ئازلاپ 50 مەيدانلا قېلىپ قالغان.
      بىراق  مەركىزى باشقۇرغۇچى خادىم بېل ھازىر مۇسابىقىنى ئازايتىشنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ بىر ئاز بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھانتىر«مەن ئۇ قەدەمگىچە تەرەققىي قىلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن ، كېلەركى ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئارقىغا قايتىپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن»دېدى.
      سپېرس توپچىسى مەت-مەت بانېر بولسا توپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،ئۇ مۇنداق دېدى:«بىز توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشتۇق،بىراق نەتىنجە بەك ئەپسۇسلىنارلىق بولدى،ئىككى تەرەپ باشتىن ئاخىر بىردەكلىككە كېلەلمىدى». خوجايىنلاردىن بىرى دەس تۇرۇپ: «بۇ ئاللىبۇرۇن بىز چىقىرالايدىغان ئەڭ ياخشى لايىھە» دېدى.
      بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇنازىرىدە، ئىككى تەرەپ ئەڭ ئاخىرىدا ئورتاق نوقتىغا يېتەلمىدى،بۇ ھەم شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان كېلىشىمنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىن(ئامېرىكا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24 تىن كېيىن)،NBA نىڭ توختىتىلىشى رەسمىي باشلىنىدۇ.
      تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى،بۇ NBA  ئىتتىپاقىنىڭ 1998-1999 يىلى قىشتا توختاپ قالغاندىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق توختىشى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991