باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
جۈپ ئۇيغۇر پۇتبول چولپانلىرى ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئارزۇسىدا بولماقتا
 
يوللىغان ۋاقىت:2011-06-20 16:10:57  يازغۇچى:ياسىنجان  كىلىش مەنبەسى:www.fifa.com  ئاۋاتلىقى:731   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

   

  جوڭگونىڭ شىنجاڭدىكى قەدىمىي چارۋىچى قەبىلىنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى گەرچە ئات بەيگىلىرىدە كۆپ كۆرگىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى  پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە ناھايتى ئاز ئۇچىرىتىمىز. بىراق ئىككى ياش چولپان بارى مۇھەممەتئېلى ۋە مىرەخمەتجان مۇزەپپەر 2012 يىللىق ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىسىمىنى چىقىىرىشنى نىشان قىلدى.
     22ياشلىق بارىنىڭ خاڭجۇ لۈچېڭ ئۈچۈن جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىدە قىلغان ھۇجۇمى تىللاردا داستان بولدى،شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە ھالقىلىق بولغىنى بارىدىن ئىككى ياش كىچىك مىرەخمەتجاننىڭ شەندوڭ لۇنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر كوماندىسىدا مۇداپىئەدە مۇستەھكەم ھالدا مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرۇشى.ئۆز كوماندىلىرىدىكى يۇقىرى ھۆرمىتى بىلەن ھەر ئىككىلسى ئۆز دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىغا ئېگە بولدى.ھەم بۇنىڭ بىلەن 2012 يىللىق ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
     يېڭى تۇپراققا كۆچۇش
     قەشقەردىكى پۇتبول ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،دادىسى ۋە بوۋىسى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن دۆلەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان مىرەخمەتجان 2004 -يىلى شەندۇڭ لۇنىڭ تەرىپدىن قۇبۇل قىلىنغان. بۇ يەر بولسا كولۇپتىكى ياشلار ئىنىستىتوتى بولۇپ تىز سۇرئەتتە ئۇنىڭ چولپان دىگەن نامىنى چىقىرىۋەتكەن.مىرەخمەتجان 2009 -يىلى دۆلەتلىك كوماندىغا كىرگەن،ئىككىنچى يىلى يېڭى رېكورتلارنى يارىتىشقا باشلىغان.ئۇ تۇنجى بۇلۇپ شىنجاڭدىن جوڭگو يۇقىرى دەرىجىلىك پۇتبولچىلار كوماندىسىغا قاتناشقان شەخىس بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە 11-ئايدىكى ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان كوماندىسىنى ئىككىدە بىر نەتنجى بىلەن مەغلۇپ قىلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان.قاتتىق ئىشەنچىلىك سول تەرەپ مۇداپىئەچى بۇلۇشى مىرەخمەتجاننىڭ خاسلىقلىرىنىڭ پەقەت بىرسى،ئۇ ھەم سول ئارقا مۇداپىئەچى ھەم ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى. 
     ئۇچقاندەك ئۆرلەش
     مىرەخمەتجانغا سېلىشتۇرغاندا بارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تېخىمۇ  تېز بولغان. بارىنىڭ شىنجاڭدىكى مەيدانلارنىڭ ئۆزىدىلا نەچچە يىل ۋاقتىنى ئۆتكەزگەندىن كېيىنكى تۇنجى چوڭ پۇرسىتى بولسا ، ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭغا خوشاللىنارلىق سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن خاڭجۇلۇق تېرىنېر ۋۇجىنگۈي تەرىپىدىن بايقالغانلىقى. بۇ ياش ئۆزىنىڭ تۇنجى كوماندىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كوماندىسىدىكى نۇمۇر ئېلىش نىشانىنى  ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلغان.بىراق بۇ ئاسىيا پۇتبول سەھنىسىدە ئۇنىڭ ئۆز نەتىنجىلىرىگە بۇلاڭچىدەك تېز ئېرىشىشتەك ئالاھىدە خاسلىقىنى يېتەرلىك ئىپادىلەپ بەرگەن.
    گەرچە كېچىكىپ باشلىغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ روھلۇق ھالدا ئىلگىرلىشى ،ئۇنىڭ ھازىرقى كۆرۈنەرلىك ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن بلازېۋىكتا  باشقىلار ئېگەللەپ بولالمايدىغان ئورنىنى بېكىتىپ بولغان.«بىز ھازىرقى تەييارلىقىمىز بىلەن تېخى بىر مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىپ باقمىدۇق،ئەمما بىز داۋاملىق ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىمىز»دېدى بارى.«بىز تېرىنېرىمىزغا ئىشىنىمىز،بىز مۇسابىقىگە ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىمىز بىلەن كىرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.مېنىڭ شەخسىي نىشانىم بولسا  مۇمكىن بولغان نەتىنجىلەرنىڭ ھەممىسىگە يېتش ھەم يۇقىرى نۇمۇر بىلەن سىرتقى ئايلانما مۇسابىقىدە ئۆز تەرىپىمىزگە ياردەم قىلىش.»


 

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991