تېڭشۈن تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرى، ESPN بىر پارتلاش خاراكتېرلىك ئاخبارات بىر خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، NBA تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى شىكىيېل ئونېيال (Shaquille O'Neal) رەسمىي ۋاسكېتبول ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇ ھازىرغىچە تۆت دانە چېمپىيون ئۈزۈكىگە ئېرىشكەن ھەمدە كەسپىي ھاياتىدا 28 مىڭ 596 نومۇرغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ قېتىم ئوڭ پۇتى ئېغىر جاراھەت ساقايمىغانلىقتىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مۆجىزىلەرگە تولغان ۋاسكېتبول ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ۋاسكېتبول ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بىر سىن ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر سىندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمدى ۋاسكېتبول ساھەسىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:«مەن 19 پەسىل مۇسابىقە ئوينىغاندىن كېيىن، ۋاسكېتبول ساھەسىدىن چېكىنىشنى قارا قىلغانىدىم. مەن سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، شۇڭلاشقا، مەن سىلەرگە بۇ خەۋەرنى بۇرۇن دېدىم، رەھمەت سىلەرگە».
بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن ئونېيال بۇلتۇر يازدا Celtics بىلەن ئىككى يىللىق توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، 35 مەيدان ئادەتتىكى مۇسابىقەدە پەقەت ئىككى قېتىملا توپ ئوينىغان. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، Piston دىكى مۇسابىقەدە 6 نومۇرغا ئېرىشىپ، پەقەت 5 مىنۇت 29 مىنۇت توپ ئوينىغاندىن كېيىن، مەيداندىن ئايرىلغان. بۇ مۇسابىقەدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىدىكى جاراھەت تېخىمۇ يامانلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى پەسىللىك مۇسابىقەلەرگە قاتنىشىش پىلانىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. پەسىللىك مۇسابىقەدىن كېيىن، ئۇ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقەگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما Celtics بىلەن Knicks يەنىلا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆز مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرگەن. شەرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۈچىنچى مەيداندا، ئۇ قايتا مەيدانغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما پەقەت سەككىز مىنۇت توپ ئوينىيالىغان. مۇسابىقەدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ ئاغرىق سېزىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان، ئىككى كۈندىن كېيىن، ئۇ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقەدە پەقەت ئۈچ مىنۇتلا توپ ئوينىيالىغان. Celtics شاللىنىشتىن بىر بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىدە، ئۇ ئەڭ كەم دېگەندە بەش قېتىم ئوكۇل سالدۇرۇپ ئاغرىق ئازابىنى پەسەيتىپ، تۇرۇپ يەنە مۇسابىقەگە قاتناشقان. ئەمما نەتىجە باشقىچە بولۇپ، Celtics كوماندىسى 4 كە قارىشى 1 نەتىجە بىلەن شاللىنىپ كەتكەن. مۇسابىقەدە شاللىنىپ- كەتكەندىن كېيىن، Celtics نىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېگەن:« ئونېيال پەسىللىك مۇسابىقەدىن كېيىن چېكىشنى مۇمكىن». نەتىجىدە ئۇ چېكىندى. ئەمما ئۇ توردا چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى، بەلكىم ئۇ جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشى مۇمكىن. ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇسابىقە مەزگىلىدە ئونېيال كوماندىغا ياردەم بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىن قارىغاندا ئۇ NBA تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا تۆت قېتىم باش چېمپىيون مېدالىغا، ئۈچ قېتىم ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقەسى MVP شەرىپىگە، بىر قېتىم ئادەتتىكى مۇسابىقە MVP سىگە، 15 قېتىم پۈتۈن چولپان تىزىملىكىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ھەمدە پۈتۈن كەسپىي ھاياتىدا 28 مىڭ 596 نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە 5- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ جەمئىي 13 مىڭ 99 گارغا تېگىپ قايتقان توپ (篮板球) ئالغان بولۇپ، تارىختا 12 ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ باشقىلار ئاتقان توپنى 2732 قېتىم تۇتۇۋالغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە تارىختا 7-ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، ئۇ « تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ.
|