2011-يىللىق قاتار قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
14-فېۋرال قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن 2011-يىللىق قاتار قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسى ئاياللارنىڭ ئېغىر قىلىچ كوللېكتىپ تۈرى مۇسابىقىسىدە لو شياۋجۈەن، شۈ ئەنچى، سۈن يۈجيې ۋە يى مىڭفاڭدىن تەشكىل تاپقان جۇڭگو كوماندىسى 30:29 نەتىجە بىلەن پولشا كوماندىسىنى يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. سۈرەتتە جۇڭگولۇق ماھىر شۈ ئەنچى(سولدا) مۇسابىقىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بىر قىلىچنى ئۇرماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان).