
ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ سابىق كوماندا باشلىقى بېكھام 10 ــ يانۋار ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمىسىدىكى توتېنھام ھوتسپور كوماندىسىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى . بېكھام ھازىر ئامېرىكا كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى لوس ئانژېلېس سامانيولى كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان بولۇپ ، بۇ قېتىمقى ئەنگىلىيە سەپىرىدە ئۇ ئامېرىكا كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بىر ئايلىق دەم ئېلىشىدىن پايدىلىنىپ ، توتېنھام ھوتسپور كوماندىسىدا مەشىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان . ئىگىلىنىشچە ، بۇنىڭدىن بۇرۇن توتېنھام ھوتسپور كوماندىسى لوس ئانژېلېس سامانيولى كوماندىسى بىلەن بېكھامنى يېرىم يىل ئىجارىگە ئېلىش توغرىسىدا سۆزلەشكەن بولسىمۇ بىرلىككە كېلەلمىگەن ، ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بېكھامنىڭ توتېنھام ھوتسپور كوماندىسىغا كېلىپ مەشىق قىلىشى ئىككى كوماندىنىڭ ئىجارىگە بېرىش ئىشى توغرىسىدا قايتىدىن سۆزلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان . بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن بېكھامنىڭ بۇنداق قىلىشى ، قايتىدىن دۆلەت كوماندىسىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ، ئۇ ھازىر دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 115 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى . |