
10 – يانۋار سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ، قاتار ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ B گۇرۇپپىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن سۈرىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ، سۈرىيە كوماندىىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى ئۇتۇپ 3 نۇمۇر ئالدى . ئالدىنقى يېرىم مەيداندا سۈرىيە كوماندىسىدىن ئابدۇللا ھۈسەيىن بىر توپ كىرگۈزدى ، كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان جاسسام سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1 دە 1 تەڭلەشتۈردى ، مۇسابىقە داۋام قىلىپ 3 مىنۇت بولغاندا سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىيەچى ئەزاسىنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئابدۇللا ھۈسەيىن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2 دە1 گە ئۆزگەرتتى . ئارقىدا قالغان سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي گۇرۇپپىدىكى ئاجىز دەپ قارالغان سۈرىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ گۇرۇپپىدا 4– ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى .


|