باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە >>  
 
رۇسىيە بىلەن قاتار ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2018–يىللىق ۋە 2022–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىن
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-12-03 11:33:46  يازغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى  ئاۋاتلىقى:1324   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

رۇسىيە بىلەن قاتار ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2018–يىللىق ۋە 2022–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

 
پلاتتېر رۇسىيەنىڭ غەلىبىسىنى ئېلان قىلماقتا
 
     2018–يىللىق ۋە 2022–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەرنى چەك تارتىپ بەلگىلەش مۇراسىمى  2–دېكابىر شىۋىتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى . نەتىجىدە رۇسىيە بىلەن قاتار ئايرىم  ئايرىم ھالدا  2018–يىللىق ۋە 2022–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى .
 
 
رۇسىيە غەلىبە تەنتەنىسى
 
رۇسىيە غەلبىسى


     2018 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەتلەر رۇسىيەدىن باشقا  يەنە ، ئېنگىلاند ، بېلگىيە ، گوللاندىيە ، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەلەر بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، گوللاندىيە بىلەن بىلگىيە ،  ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانىدى . ئېنگىلاند ئەسلىدە 2018 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ئىدى ، بىراق  29  نويابىر ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (  BBC  ) خەلقئارا پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ ئەمەلدارى 1989  يىلىدىن 1999  يىلغىچە ISL شىركىتىدىن يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى پارا يىگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغانىدى ، بۇ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئېنگىلاندنى بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتتىن ئەڭ تۆۋەن دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى . ئېنگىلاند 2018 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەشكىلى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى : ‹‹ دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيىتتە ، ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (  BBC  ) نىڭ بۇنداق خەۋەرنى ئېلان قىلىشى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ ، بۇ ۋەتەننى سۆيمەسلىك قىلمىشى ›› دەپ ئەيىپلىگەنىدى . چەك تارتىپ بەلگىلەش مۇراسىمىدا ئېنگىلاند بىرىنچى قېتىملىق چەك تارتىشتىلا ئاران ئىككى بىلەتكە ئېرىشىپ شاللىنىپ كەتتى . نەتىجىدە رۇسىيە 2018 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى .


 
 
بېكھام ۋە مەيۈسلەنگەن ئېنگىلاندلىقلار
 
 
قاتار غەلىبە تەنتەنىسى


    2022–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان قاتار دۆلىتىدىن باشقا يەنە ، ئاۋستىرالىيە ، ياپونىيە ، كورىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ ، قاتار ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتى ، قاتار بولسا ئاۋستىرالىيە ، ياپونىيە ، كورىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېسىپ چۈشۈپ ، 2022–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى . فرانسىيەلىك دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى زىدانې قاتارنىڭ 2022–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەشكىلى گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزاسى بولۇپ ، مۇراسىمدىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇ پەقەت قاتارنىڭلا غەلىبىسى بولماستىن پۈتۈن ئەرەب دۇنياسى شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ غەلىبىسى ، قاتارنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشىشى مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن ئىش . بلاتتېر بىلەن خەلقئارا پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ باشقا ھەيئەتلىرى مۇشۇنداق بىر ئۇسۇل ئارقىلىق  پۇتبولنىڭ دۇنيادىكى ھەربىر ئادەمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . بەزىلەر قاتار كىچىك دۆلەت ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس دېگەنىدى ، ئەمەلىيەتتە قاتار پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋەكىلى ، شۇڭا بىزنىڭ غەلىبىمىز لوگىكىغا ئۇيغۇن .2022  يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن پۇتبول مەيدانلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەرگە ئىئانە قىلىنىدۇ ، بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر ئىش . ››
 
     ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، قاتار 2022–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ، 645 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن ، ئۇلارنىڭ 2022 –يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش خامچوتى 60 مىلياردقا يېتىدىكەن .

 

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 13139888848 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991