|  
        29 ــ نويابىر ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ،  نىيويورك نىكس كوماندىسى 116 گە قارشى 125 نەتىجە بىلەن دېترويت پۇرشىن كوماندىسىنى ئۇتتى .
 مۇسابىقىدە نىكس كوماندىسىدىكى  ئامارې ستوۋدېمېرنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بولۇپ ، 37 نومۇر ئېلىپ يەتتە قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم پاس بەردى ھەمدە  15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ تالىشىپ ئالدى . پۇرشىن كوماندىسىدا بولسا تايشان پرىنسېنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بولۇپ ، 31 نومۇر ئېلىپ 7 قېتىم  ياردەمچى ھۇجۇم پاس بەردى ھەمدە  سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ تالىشىپ ئالدى .
   |