27–نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 15–ئايلانما مۇسابىقىسىدە مانچېستېر بىرلەشمىىسى كوماندىسى بىلاكبۇرېن كوماندىىسى بىلەن ئۇچراشتى . نەتىجىدە ، مانچېستېر بىرلەشمىىسى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 7 دە 1 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى . مۇسابىقىدە بېرباتوفنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، جەمئىي 5 توپ كىرگۈزدى ، پاكجىسۇڭ بىلەن نانى بىردىن توپ كىرگۈزدى . 2 ئايدىن بۇيان مەيدانغا چۈشۈرۈلمىگەن رۇنىي تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشتى .


|