31 –ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ، 2010–يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 29– ئايلانما مۇسابىقىسى 8 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى . بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسىدە توپ تىپىدىغان 2 نەپەر ئۇيغۇر پۇتبولچى بارى بىلەن مىرئەخمەتجان ئايرىم–ئايرىم ھالدا خاڭجۇ لۈچىڭ بىلەن خېنەن جيەنيې كوماندىلىرىنىڭ ئەزاسى بولۇپ مەيدانغا چۈشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەر ئىككىلا كوماندا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مۇسابىقە بولۇپ ، ئۇتقان كوماندا كېلەر يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇن لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ، شۇ سەۋەپتىن ، مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى . بارى بىلەن مىرئەخمەتجانلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ، بىر نەچچە ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان بارى كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ بىر مىنۇت بولمايلا شەخسى تېخنىكىسى ۋە تېزلىكى بىلەن ئىككى مۇداپىئەچىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ، خاڭجۇ كوماندىىسنى بىر نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى . بۇ بارىنىڭ 2010– يىللىق جۇڭگو دەرجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدا كىرگۈزگەن بىردىنبىر توپى ھېسابلىنىدۇ . بارى توپ ئۇرۇپ 10 مىنۇت بولغاندا بارىنىڭ سەبدىشى بىر توپ كىرگۈزۈپ ، نەتىجىنى 2 دە 0 گە ئۆزگەرتتى . گەرچە مۇسابىقە باشلىنىپ 80 مىنۇت بولغاندا بارىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بۇ 80 مىنۇت جەريانىدا ئۇنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى . نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا خاڭجۇ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدىكى رەقىپى چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن تەڭلەشسىلا كېلەر يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇن لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ . شۇنداق بولغاندا بارى بۇ تۈرلۈك پۇتبول مۇسابىقسىگە قاتناشقان تۇنجى ئۇيغۇر پۇتبولچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .





|