
13–ئۆكتەبىر سەھەردە ، 2012–يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسنىڭ C گۇرۇپپىدىكى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن سېربىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ، مېھمان كوماندا بولغان سېربىيە كوماندسىنىڭ توپ مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىق چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمىغان ، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە شۇ كۈنلۈك مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان . بۇ مۇسابىقە ئەسلى ئىتالىيە ۋاقتى 20 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدىغان مۇسابىقە بولۇپ ، سېربىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشى بىلەن مۇسابىقە35 مىنۇت كېچىكتۈرۈلگەن ، مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇت بولغاندا ، بىر سېربىيە توپ مەستانىسى مەيدانغا سەكرەپ چۈشۈپ چىكىدىن ئاشقان قالايمىقانچىلق چىقىرىشقا باشلىغان ، شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنلۈك مۇسابىقە توختىتىلىپ ، باشقا كۈنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان . بۇ مۇسابىقىگە 300 دىن ئارتۇق سېربىيە توپ مەستانىسى مۇسابىقە كۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن مەيدان ئامانلىقىنى ساقلىغۇچىلار بىلەن قارىشلاشقان . سېربىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيانقى تەرەققى قىلالماي چېكىنىپ كەتكەنلىكى ، شۇنداقلا سېربىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ شەخسىي زىدىيەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى ، شۇنداقلا ئالدىنقى ھەپتىدە ياۋرۇپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئاجىز دەپ قارالغان ئىستونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر سېربىيە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغاچقا ، بۇ نامايىش شەكىللىك قالايمىقانچىلىقنى پىلانلاپ چىققان .





|