ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى برازىلىيە كوماندىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن كەچۈرۈم سورىدى
جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى دەرھال مەشىقنى توختىتىپ، تۈزەشكە بۇيرۇدى. «خەلق گېزىتى»نىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى 13-ئۆكتەبىر ئاخبارات يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى جىنشېڭ 12-ئۆكتەبىر كەچتە خېنەن شۈچاڭدا جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن برازىلىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بولغان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى ھەم توپ مەستانىلىرى، تاراتقۇلار، برازىلىيە كوماندىسى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەردىن كەچۈرۈم سورىدى. لى جىنشېڭ جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاللىقاچان مەشىقنى توختىتىپ، تەرتىپكە سېلىشنى باشلاپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ، ۋەقەنىڭ پاكىتلىرى ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن ئالاقىدارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
|