جۇڭگو كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن سۈرىيە كوماندىسىنى يەڭدى
 يامغۇردا قالغان تودۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سۇ چىقىرىش سىستېمىسى بۇزۇلۇپ، مەيداندا يۈگۈرگەنلەرنىڭ ئايىغىدىن سۇ چاچرايدىغان بولۇپ قالدى.
خەلق تورىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. تۈنۈگۈن كەچ ھەددىدىن كۆپ يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان كۇنمىڭ تودۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا، ئارقا مۇداپىئەچى جاۋ پېڭ كىرگۈزگەن توپ ۋە جاڭ لىنپېڭ كىرگۈزگەن نۇقتا توپ ئارقىلىق، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن سۈرىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدىن بۇيان ئۇدا داۋاملىشىۋاتقان يېڭەلمەسلىك ۋەزىيىتىنى تۈگەتتى. مۇسابىقىدىن كېيىن دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى گاۋ خۇڭبو مۇنداق دېدى: «ھاۋا رايى ۋە مەيداننىڭ قانداق بولۇشىنى بىز بەلگىلىيەلمەيمىز. بىز پەقەتلا ئىمكانقەدەر ماسلىشالايمىز، بىراق بۇنداق مۇھىت بىزگە نىسبەتەن ياخشى چېنىقىش پۇرسىتى». (مۇخبىر جاڭ شياۋمىن)
|