جۇڭگو ياشلار كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن تايلاند كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئاسىيا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 1-بولدى
خەلق تورىنىڭ 7-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. U-19 ئاسىيا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن شەندۇڭنىڭ زىبو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بالدۇرلا گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان جۇڭگو ياشلار كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى تايلاند كوماندىسى ئىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 36 مىنۇت بولغاندا، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدە خاتالىق كۆرۈلۈپ، تايلاند كوماندىسىدىكى پاتانا ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈۋەتتى؛ 76 مىنۇت بولغاندا، جۇ جيەنرۇڭ ۋۇ لېي بېشى بىلەن پاس بەرگەن توپنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئورۇنباسار كوماندا ئەزالىرىنى مۇسابىقىگە چۈشۈرگەن جۇڭگو ياشلار كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن تايلاند كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى، 3 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئىككى مەيدانىدا يېڭىپ، بىر مەيدانىدا تەڭلىشىشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپا بويىچە 1-بولدى.
|