دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە گويەن 4:1 نەتىجە بىلەن جياڭ خۇاجۈننى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى

خەلق تورىنىڭ 27-سېنتەبىر بەرگەن تېلېگراممىسى. بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچتە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگولۇق ماھىر گويەن 4:1 نەتىجە بىلەن بىلەن جۇڭگو شياڭگاڭ ماھىرى جياڭ خۇاجۈننى يېڭىپ، 2006-يىلدىن بۇيان 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. دۆلەت تىكتاك توپ كوماندىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار تىكتاك توپ مۇسابىقىسى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى بارلىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشتەك نەتىجىسى بىلەن ئۇدا 14 يىل مەغلۇپ بولماسلىقتەك قىسسەسىنى داۋاملاشتۇردى.
|