مارادونا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ

ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق باش تىرېنىرى مارادونا يېقىندا فوكىس تەنتەربىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قايتىدىن ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ، كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مارادونا دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرېنىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گروندونا ۋە ياردەمچى تېرىنىر باتسىتۇتانىڭ دامىغا چۈشۈپ بۇ ئورۇندىن ئايرىلغان.ئارگېنتىنا پۇتبول تارىخىدىكى بۇ ئەڭ ئۇلۇغ 10-نومۇر قايتىدىن باش كۆتىرىپ، باتسىتۇتانىڭ قولىدىن تېرىنىرلىق قامچىسىنى تارتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|