شىنجاڭدىكى تۇنجى كەسپىي ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ئىككى ئاي ئىچىدە قۇرۇلىدۇ
شىنجاڭدىكى تۇنجى كەسپىي ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ئىككى ئاي ئىچىدە تەشكىللىنىدۇ، شىنجاڭدىن كەلگەن قەيسەر ئەتىرگۈللەر مەملىكەتتىكى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا قايتا نامايان بولىدۇ.
شىنجاڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 1985-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان، ئەمما 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن، مەشىق سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن، بارا-بارا ئالاھىدە نەتىجە قازىنالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا تەنتەربىيەدە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تەنتەربىيەنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، بىر قاتار ئەگرى-توقايلىقنى باشتىن كەچۈرگەن شىنجاڭ ئاياللار پۇتبولچىلىقى قايتىدىن باھار پەسلىنى كۈتۈۋالدى. ھازىر شىنجاڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنىرلار كوللېكتىپى تەشكىللىنىپ بولدى، 70-يىللاردا شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبولچىلىقىدىكى ئاساسلىق پۇتبولچى بولۇپ، دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللىنىپ كىرگەن ئىلھام ئىمىن باش تىرېنىرلىقنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ، 17 ياشلار ئەتراپىدىكى 30 نەپەر تەنھەرىكەتچىنى 3-ئۆكتەبىردىن باشلاپ 45 كۈن مەشىقلەندۈرۈپ، كوماندىغا رەسمىي قوبۇل قىلىنىدىغانلارنى بېكىتىدۇ.
|