دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى كاناداغا يېڭىلىپ قالدى
كىچىك گۇرۇپپا نەتىجسى 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھالەتتە

ئاياللار ۋاسكىتبول دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن مۇسابىقىنىڭ 2-كۈنىگە قەدەم قويدى، جۇڭگو كوماندىسى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان كانادا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. نەتىجىدە ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 7 نومۇر ئالدىدا بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا 61: 65 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالدى، بىر ئازدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىدا ئاۋسترالىيە كوماندىسى بېلرۇسىيە كوماندىسىنى يەڭدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى ئايلانمىدىكى تۆتىنچىلىك ئورنى بىلەن ئىككىنچى باسقۇچتىكى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە كېرەلمەي، 13-16 دەرىجىگە تىزىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. بۇ جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ 1983-يىلى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار مۇسابىقە نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
|