ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزدى، ئەمما نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويدى بارسېلونا ساھىبخانا مەيدانىدا 5:1 نەتىجە بىلەن يەڭدى
مېسسى ئۆزگىچە ئۇسسۇلدا توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە.
خەلق تورىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. بېيجىڭ ۋاقتى 15-سېنتەبىر سائەت 2:25 (ئىسپانىيە ۋاقتى 14-سېنتەبىر 20:45) دە 2010-2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ D گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى مۇسابىقە كۈنىدە، قىزىق نۇقتا بولغان بىر مەيدان جەڭ نوۋكەمپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى، بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخانا مەيدانىدا 5:1 نەتىجە بىلەن پاناسنايكوس (Panathinaikos) كوماندىسىنى يېڭىپ، ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، بارسېلونا كوماندىسى كىرگۈزگەن بەش توپنىڭ ئىككىسىنى مېسسى كىرگۈزدى، ئەمما، ئۇ بىر نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويدى، ۋىللا، پەدرو، ئالۋېس بىردىن توپ كىرگۈزدى. شۇ گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، كوپىنھاگىن كوماندىسى ساھىبخانا مەيدانىدا رۇبىن قازان كوماندىسىنى يەڭدى.
|