دۇنيا ئەرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا ۋۇۋۇزېلا چەكلىنىدىكەن

جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا ۋۇۋۇزېلانىڭ ئاۋازى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى خاسلىق بولۇپ قالغانىدى . بۇ ئەسۋاپ ئافرىقىدا قەبىلە ئەزالىرىنى يېغىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپ بولۇپ ، ھازىر ، ئافرىقىدىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدا تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ . 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن گەرچە بۇ ئەسۋاپنى چەكلەش توغرىسىدا پىكىر بېرىلگەن بولسىمۇ ، بىراق ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئافرىقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەتلەشنى كۆزدە تۇتۇپ ، بۇ ئەسۋاپنى ئىشلىتىشكە يول قويغانىدى . خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى 3–ئاۋغۇست ، بۇ ئەسۋاپنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئەرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا مەيدانغا ئېلىپ كىرىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئۇچرىتىپ قالسا مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى باۋمان مۇنداق دېدى : ‹‹ ۋۇۋۇزېلا گەرچە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا مۇسابىقە كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينىغان بولسىمۇ ، بىراق ، بۇ خىل ئەسۋاپ ۋاسكېبولغا ئوخشاش زال ئىچى تەنھەرىكەت تۈرىدە ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ ، دوختۇر ، مۇتەخەسسىلەرنىڭ دېيىشىچە ، ئۇنىڭ ئاۋازى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە زىيىنى بار ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە رېپىرلارنىڭ ئالاقىلىشىشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ . ئىلگىرى مۇسابىقىلەردە بۇ ئەسۋاپ ئىشلىتىلمەيمۇ كەيپىيات ناھايىتى ياخشى بولغان ، ئىشىنىمەن ، ۋۇۋۇزېلا بولمىغان تەقدىردىمۇ توپ مەستانىلىرى ئوخشاشلا قىزغىن كەيپىيات بەرپا قىلالايدۇ ›› .
|