باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
ئېسپانىيە چىمپىيون بولدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-12 05:51:28  يازغۇچى:يازمام  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:2972   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

19-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېسپانىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى،بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە گوللاندىيە كوماندىسى گەرچە 116مىنۇت بەرداشلىق بەرگەن بولسىمۇ ئېسپانىيە كوماندىسىنىڭ 6-نومۇرلۇق ماھىرى ئىنىستا پۈتۈن مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 4مىنۇت قالغان ۋاقىتتا بىر توپ كىرگۈزۈپ ئېسپانىيەنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى،بۇ مۇسابىقە نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇن پەرەز قىلغىنىدەك بوپ چىقتى. ئېسپانيە كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى كاسىلىياس خوشاللىق ياشلىرى بىلەن لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈردى.بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلغۇچى باش رېپىر ئەنگىلىيەلىك ۋېبو مۇسابىقىدىن بۇرۇن جامائەتچىلىككە ھەرگىز يۇمشاق قول بولمايمەن دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ پۈتۈن مەيدان بويىچە گوللاندىيە كوماندىسىدىكى 11نەپەر ئەزاغا 9دانە سېرىق كارتا بەردى.بۇمۇ بەلكىم يېڭە بىر رېكورىت بولسا كېرەك،دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنى بىر ئاي قىينىغان بۇ مۇسابىقە ئاخىرىدا ئېسپانىيە كوماندىسىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.ھەممىمىز 2014-يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۆرۈشەيلى

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991