باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
بىرازىلىيە كوماندىسى يېڭىلىپ پۇتبۇل مەستانىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-04 21:18:44  يازغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:خەۋەرلەر تورى  ئاۋاتلىقى:4654   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 3-ئىيۇل خەۋرى،برازىلىيە كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ 4 تىن بىرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە، بىرازىلىيە گوللاندىيە كوماندىسى 1 گە قارشى 2 ناتىجە بىلەن برازىلىيە كوماندىسىنى يېڭىۋالغاندىن كېيىن، بىر نەپەر ھايتىلىق برازىلىيە كوماندىسىنى قوللايدىغان پۇتبول مەستانىسى ماشىنىغا سوقۇلۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى.


ئىگىلىنىشچە، بۇ يىگىت ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، برازىلىيە كوماندىسىنىڭ پۇتبول مەستانىسى ئىكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىغا روھى زەربە ئىلىپ كەلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن برازىلىيە كوماندىسى بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقنى تالىشىشتىكى ئەڭ ئۈمۈد زور بولغان كوماندىنىڭ بىرى ئىدى. نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەستانىلىرى بۇ كوماندىغا چوڭقۇر ئۈمۈد باغلىغان بولۇپ، ئەمما رىئاللىق دەل بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ قالغان.

ئىگىلىنىشچە، ئۆزىنى ماشىنىغا قەستەن سوقۇۋالغان ھايتىلىق بۇ يىگىت قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. بۇ يىل ھايتىدا 7 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، قازا قىلغانلارنىڭ سانى نەچچە يۈز مىڭغا يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ھايتىدا قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملىق ئىشلەنمەكتە. نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىغا نىسبەتەن، دۇنيا بويىچە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كوماندىنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنىڭ بىر روھى ئوزۇقى ئىدى.

 

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991