2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن تۆت كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېىلپ بېرىلدى، بىرازىلىيە كوماندىسى گەرچە ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بولسىمۇ گوللاندىيە كوماندىسى تەمكىنلىك بىلەن ھودۇقماستىن پۇرسەت كۈتۈشى نەتىجىسىدە بىرازىلىيە ۋارېتاسى سېرسانىڭ خاتالىقى بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى،بىرازىلىيە كوماندىسى پۈتۈن مۇسابىقىدە توپ كونتىرول قىلىش،قاپقىغا توپ ئۇرۇش، خەتەرلىك ھۇجۇم تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە رەقىبىدىن ئۈستۈلۈكنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بېكلارنىڭ ئورۇن خاتالىقى تۈپەيلى گوللاندىيە ھۇجۇمچىسى سېرنىد ئۆزىنىڭ پۈتۈن مەيداندىكى ئىككىنجى توپىنى كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا بىرازىلىيە كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسىنى روبېننى مۇداپىئە قىلىش جەھەتتە پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان باستوسنى مەيداندىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا ئىتالىيە جۇۋېنتۇس كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان مېللونى چىقاردى نەتىجىدە مېللو قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ روبېننى دەسسىگەنلىكتىن ياپونىيەدىن كەلگەن رېپىر بىۋاستە قىزىل كارتا بىلەن ئۇنى مەيداندىن چىقاردى، ئادەم سانى ھەم توپ سانى جەھەتتە تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا كاپىتان لۇسىئو، كاكا قاتارلىقلارنىڭ كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قوزغىشى ئارقىسىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم مۇداپىئەسى ئالدىدا كارغا كەلمىدى، ياپونىيەلىك رېپىرنىڭ پۈشتەك چېلىشى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسى ئەزالىرى مەيداندا توپلىشىپ غەلىبە تەنتەنىسى قىلىشتى، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى جەنۇبى ئافرىقا سەپىرى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى، بىرالىيە كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى دۇنگا بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە بىرازىلىيەدىكى پۈتكۈل پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا پىسەنىت قىلماي، دۇنياۋى چولپانلاردىن رونالدىنخو قاتارلىق بىر قانچە ئەزانى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىمىغان ئىدى، پۇتبول مەيدانىدا تەجرىبىنىڭمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدەك ئاچچىق ساۋاقنى دۇنگا ئاخىرى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى،بەش يۇلتۇز بىرازىلىيە كوماندىسى شاللاندى، گوللاندىيە كوماندىسى تۇنجى بوپ تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىردى، ئۇلار ئۇراگۋاي بىلەن گانا كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىدىن ئۈمۈت ئىنتايىن زور، بەش يۇلتۇز بىرازىلىيەنىڭ مەغلۇبىيەتتىن غەلبىگە يول ئېچىشىنى ئۈمۈت قىلىشى بىلەن بىرگە گوللاندىيە كوماندىسىغا ئامەت تىلەيمىز.
 |