Hگورۇپپىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى چېلى كوماندىسى بىلەن ھوندۇراس كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، بۇ مۇسابىقە كىشىلەرگە كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ ئېلىشمىسىنى ئەسلەتتى، نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويغان چېلى كوماندىسى توختاۋسىز ھۇجۇملىرى بىلەن ئاخىرىدا نەتىجىنى بىرگە نۆل قىلىپ ئۆزگەرتىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە چىمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك دەپ قارىلىپ كەلگەن ئېسپانىيە كوماندىسى بىلەن شىۋىتسارىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ۋىللا قاتارلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇملىرىنى بىرمۇ-بىر تارمار قىلىپ كەلگەن شىۋىتسارىيە كوماندىسى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بىر توپ كىرگۈزۈپ ئاخىرىدا كۈچلۈك رەقىبى ئېسپانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى،داڭلىق كۇلۇپلارغا مەشقاۋۇل بولۇپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن شىۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى شېسفىرىت ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىك ئىكەنلىگىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كۈچلۈك كوماندىنىڭ تۇنجى مەيدان مەغلۇبىيىتى مۇشۇ مەيدان مۇسابىقە بولدى. |