باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
Gگورۇپپا ئەھۋالىدىن قىسقىچە خۇلاسە
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-22 15:59:28  يازغۇچى:يازمام  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1553   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

Gگورۇپپىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە كېتىدوۋا بىلەن پورتۇگالىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، پورتۇگالىيە كوماندىسدىكى رونالدو قاتارلىق دۇنياۋى چولپانلار ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى تولۇق نامايەن قىلىپ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ رەقىبىنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئەسى،قاپقىنىڭ تۆمۈرلىرى، ۋارېتارنىڭ چەبدەسلىكى ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى بىرمۇ بىر يوققا چىقاردى، ئاخرىقى نەتىجە ئىككى كوماندىنىڭ توپ ئۇرالماسلىقى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن چاۋشىيەن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقىدىن بۇرۇن چاۋشىيەن كوماندىسىنىڭ كوماندا ئەزالىرىنىڭ بىز ھەرقاچان بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغۇدەك جاسارەت ھەم كۈچكە ئىگە دېگەن سۆزلىرى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى، بىراق پۇتبول پادىشاھلىقى دەپ نام ئالغان بىرازىلىيە كوماندىسى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى تېخنىكىسى ۋە ماسلىشىشچانلىقى بىلەن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى،چاۋشىيەن كوماندىسىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ نەتىجە بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى،مۇسابىقىدىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرى چاۋشىيەن كوماندىسىنىڭ مەيداندىكى جاسارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى ئالتە نومۇرغا ئېرىشىپ گورۇپپىدىن چىقىش ئەھۋالى ئاساسەن مۇقىملاشتى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991