باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
Fگورۇپپا مۇسابىقە ئەھۋالىدىن قىسقىچە خۇلاسە
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-18 02:24:26  يازغۇچى:يازمام  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1544   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
Fگورۇپپىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئالدىنقى نۆۋەت چىمپىيونى بولغان ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن پاراگۋاي كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ئۇتۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان بولسا پاراگۋاي كوماندىسى ئەپچىل ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئىتالىيە كوماندىسىغا ئالدى بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ ئۇ كىشىلەرنىڭ خياللىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى، ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىتالىيەنىڭ ئۆتكەن نۆۋەتتىكى مۇسابىقە ئوينىغان ھالەتلىرىنى ئەسلىمە قاتاردا ئەسلەشكە باشلىدى، كوماندىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى پىرلونىڭ يارىلىنىشى كوماندىنىڭ ھۇجۇم تەشكىللەش ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، 4-2-3-1 سەپ شەكلى تۈزگەن مەشقاۋۇل لىپىمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تاكتېكا جەھەتتە ئانچە چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلالمىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 39مىنۇت بولغاندا پاراگۋاي كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى،ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى ئىتالىيە رىم كۇلۇبىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى دېروسسى 63مىنۇت بولغاندا نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ ئالدىنقى نۆۋەت چىمپىيونىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئىتالىيە كوماندىسى ئۆز مەستانىلىرىنى نارازى قىلغان ئاساستا مەيداندىن ئايرىلدى.
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە يېڭى زىللاندىيە كوماندىسى بىلەن سىلوۋاكىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، چېخ بىلەن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئېرىشكەن سىلوۋاكىيە كوماندىسى كۈچ پەرقىدە يېڭى زىللاندىيە كوماندىسىدىن سەل ئۈستۈنلۈكتە ئىدى، 1982-يىلى رۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ گورۇپپىدا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرۇپ قايىتقان يېڭى زىللاندىيە كوماندىسىنىڭمۇ بۇ قېتىم ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى ئىدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغاندا سىلوۋاكىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، سىلوۋاكىيە كوماندىسىنىڭ توختاۋسىز ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقان يېڭى زىللاندىيە كوماندىسى ئاخىرىدا مۇسابىقە باشلىنىپ 93مىنۇت بولغاندا قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ۋە شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم بىر نومۇرغا ئېرىشتى، ھاياجانلانغان كوماندا ئەزالىرى ۋە مەشقاۋۇلمۇ بۇ نەتىجىنى ئۆزلىرى .ۈچۈ غەلىبە ھېساپلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. Fگورۇپپىنىڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ تۆت كوماندا ھەممىسى بىردىن نومۇرغا ئېرىشتى.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991