باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
Eگورۇپپا ئەھۋالىدىن قىسقىچە خۇلاسە
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-15 13:30:07  يازغۇچى:يازمام  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1344   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

Eگورۇپپىا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدىنى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن دانىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئېرىشىش گورۇپپىسىدىكى مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيەنى قوشۇمچە مۇسابىقە ئويناش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان دانىيە كوماندىسى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ھۇجۇم تەشكىللەپ مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى،چىمپىيون بولۇش ئىھتىماللىقى كۈچلۈك دەپ قارالغا گوللاندىيە كوماندىسى يادرولۇق ئەزاسى روبېننى مەيدانغا چۈشۈرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سەۋرىچانلىق بىلەن پۇرسەت كۈتۈپ كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قارشى تەرەپ خاتالىقى تۈپەيلى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، دانىيە كوماندىسىدىكى ئاگېر بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى بوپ ئۆز ۋارىتارىغا توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى بوپ قالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 83مىنۇت بولغاندا گوللاندىيە كوماندىسىدىكى كۇيىت ئىككىنجى توپنى كىرگۈزۈپ گوللاندىيە مەستانىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى، نەتىجە مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ھەممەيلەن پەرەز قىلغان گوللاندىيەنىڭ ئۇتۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقە ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ئافرىقا شىرى كامېرون كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى،مۇسابىقىدە ياپونىيە كوماندىسى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇسابىقە باشلىنىپ 39مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ بېكلىرىنىڭ مۇداپىئەسىدىن ئامان قالغان ياپونىيە ماھىرى خوندا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئەپچىللىك بىلەن قارشى تەرەپ ۋارېتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ ياپونىيە كوماندىسىنى ئۈستۈلۈككە ئىگە قىلدى، ئېتو قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق چولپانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كامېرون كوماندىسى مۇسابىقىدە ئۆز-ئارا ياخشى ماسلىشالماي ئەزالارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى، كامېرون كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندا توپ ئېلىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولدى، شۇنىڭ بىلەن ھۇجۇم تەشكىللەش ياخشى بولماي ئېتودەك ھۇجۇمچىلارمۇ كارغا كەلمەي قالدى، كامېرون كوماندىسى قاتتىق تىركەشكەن بولسىمۇ لېكىن مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئاخىرىدا ياپونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئاسىياغا ۋاكالىتەن قاتناشقان كوماندىلار ئىچىدە ئاۋېستىرالىيە كوماندىسىنىڭ يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىدىن باشقا كورىيە كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى تۇنجى مەيداندا غەلبىنى قولغا كەلتۈردى،ياپونىيە كوماندىسى Eگورۇپپىدا گوللاندىيەدىن كېيىنلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇردى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991