باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
Dگورۇپپا ئەھۋالىدىن قىسقىچە خۇلاسە
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-14 12:57:53  يازغۇچى:يازمام  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1322   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
Dگورۇپپىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى سېربىيە كوماندىسى بىلەن گانا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى،بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە ئېرىشىش جەريانىدا كۈچلۈك فىرانسىيە كوماندىسىنىمۇ كەينىدە قالدۇرغان سېربىيە كوماندىسىغا ھەممەيلەن قاتتىق دىققەت قىلىشتى، گەرچە ساھىپخان بولمىسىمۇ ئۆز مەھەللىسىگە ئوخشاش يەردە مۇسابىقىگە چۈشكەن گانا كوماندىسى تاماششىبىنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن روھلۇق ھالدا مەيدانغا چۈشتى،ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا كەسكىن ئېلىشىش نەتىجىسىدە مۇسابىقە باشلىنىپ74مىنۇت بولغاندا سېربىيە كوماندىسىدىكى لۇكوۋىك ئەرزىمەس ئىشلارغا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق سېرىق كارتىنى يەپ مەيداندىن ئايرىلدى، ئادەم سانى جەھەتتە ئۈستۈلۈككە ئىگە بولغان گانا كوماندىسى ھۇجۇمغا ئۆتە-ئۆتمەيلا سېربىيە كوماندىسىنىڭ قاتتىق ھۇجۇم قىلىشىغا دۇچ كەلدى، تەلىيى ئوڭ كەلمىگەن سېربىيە كوماندىسى مۇسابىقە 83مىنۇتقا قەدەم قويغاندا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ گانا كوماندىسىغا بىر دانە نۇقتا توپ سوۋغا قىلدى،گانا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى گىيان ئەپچىللىك بىلەن توپنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى بىرگە قارشى نۆل قىلدى. سېربىيە كوماندىسى قاتتىق تىركەشكەن بولسىمۇ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن گانا كوماندىسى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۈچۈن تۇنجى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئاۋېستىرالىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى،مۇسابىقىدىن ئىلگىرىلا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىنى پەرەز قىلىپ بولغان تاماششىبىنلار گېرمانىيەنىڭ يادرولۇق ئەزاسى باللاك يوق ھالەتتىكى گېرمانىيەنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىدىن ئاز-تولا ئەندىشە قىلىشقان ئىدى.مۇسابىقە باشلىنىپ 8مىنۇت بولغاندا پودورېسكىي ئەپچىللىك بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ گېرمانىيە مەستانىلىرىنى ئاز-تولا خاتېرجەم قىلغان بولسا 26مىنۇت بولغاندا كېلوس ئىككىنجى توپنى كىرگۈزۈپ ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ56مىنۇت بولغاندا ئاۋېستىرالىيە ماھىرى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل كارتا ئارقىلىق مەيداندىن چۈشۈرۈلدى، نەتىجە ھەم ئادەم سانى جەھەتتە ئۈستۈلۈككە ئىگە گېرمانىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 67مىنۇت ھەم 70مىنۇت بولغاندا كەينى-كەينىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تۆتكە قارشى نۆل قىلىپ ئۆزگەرتتى، ئاۋېستىرالىيە كوماندىسى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئاجىز ھەم ئادەم سانى جەھەتتە ئاز بولغاچ نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالدى، ئاخىرىدا مۇسابىقە تۆتكە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن تاماملاندى، بۇ بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى نومۇر پەرقى ئەڭ چوڭ مۇسابىقە نەتىجىسى ھېساپلاندى، ئىككى كۈنلۈك مۇسابىقىدىن كېيىن بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى مۇداپىئەنى ئاساس قىلغان مۇسابىقە بولۇپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلغان دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن مەمنۇن بولدى، گېرمانىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ يەنىلا چىمپىيونلۇقنى تالىشىش جېڭىدىكى ئۈمۈت زور كوماندىلارنىڭ بىرى بولالايدىغانلىقىنى رەسمى ھالدا نامايەن قىلدى.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991