باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
Cگورۇپپا ئەھۋالىدىن قىسقىچە خۇلاسە
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-14 12:14:04  يازغۇچى:يازمام  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1700   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
Cگورۇپپا ئەھۋالىغا نەزەر سالساق گەرچە ئەنگىلىيە كوماندىسى نەتىجىدە ئامرېكا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ بىراق مۇسابىقىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى كوماندا ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق،ئەزالاردىكى تەمكىنلىك،شەخسى تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى بايقىيالايمىز،گەرچە ۋارېتار گېرىننىڭ چوڭ خاتالىقىدىن نەتىجە تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئەزالارنىڭ كەيپىياتىدا تۇراقسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى، بۇنىڭدىن 90-يىلدىكى قىزىل تاختا يىگەن گاسكورېن،98-يىلدىكى قىزىل تاختا يىگەن بېكھام قاتارلىقنى دورايدىغانلار چىقمىدى، گېرراد بىلەن لەمپارد ئوينايدىغان ئورنى ئوخشاش بولسىمۇ يەنىلا بىر-بىرىگە يول قويۇپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى،قىسقىسى بۇ قېتىم ئەنگىلىيە كوماندىسى يېڭىچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چۈشتى، بۇنىڭدىن مەشقاۋۇل كاپېرلونىڭ 6مىليون ئامرېكا دوللىرى مۇئاشنى بىكارغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس، ئامرېكا كوماندىسىمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گېرىننىڭ سوۋغىسى بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن بولسىمۇ پۈتۈن ئەزالار مۇسابىقىدە جان-پىدالىق بىلەن ئوينىدى، بولۇپمۇ بېكلارنىڭ رولىنى ئالاھىدە ياخشى جارى قىلدۇرىشى بىلەن مەيداندا رونېينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى،بۇنىڭدىن تاماششىبىنلار 94-يىلدىكى راراس باشچىلىقىدىكى ئامرېكا كوماندىسىنىڭ يەنە پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەندەك بولۇشتى،دونوۋان يادرولىقىدىكى ئامرېكا كوماندىسى ۋارېتار خوۋارېدنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە كۈچلۈك ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىنى تەڭ نەتىجىدە ئاخىرلاشتۇردى،بۇنىڭ بىلەن ئامرېكا پۇتبول مەستانىلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ گورۇپپىدىن چىقىش جەھەتتە ئاز-تولا خاتېرجەم بولغاندەك بولۇشتى.
ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقە بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى بىردىنبىر ئەرەپ دۆلىتى بولغان ئالجىرىيە كوماندىسى بىلەن سىلوۋىنىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، سىلوۋىنىيە بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت بولۇپ ئومۇمى ئاھالىسى 2مىليون ئەتراپىدا بولۇپ مۇشۇنداق بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قاتنېشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى بۇ دۆلەتتە پۇتبولنىڭ تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس ئەمەس. گەرچە كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئانچە چوڭ پەرىق بولمىغان بۇ ئىككى كوماندا كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق تاماششىبىنلاردا جىددىچىلىك كەيپىيات پەيدا قىلدى، فىرانسىيەنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى ئالجىرىيەلىك زېدانىمۇ نەق مەيداندا ئالجىرىيەگە مەدەت بەردى، ئالجىرىيە كوامدىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيداندا مۇسابىقىگە چۈشكەن ھۇجۇمچىسى گازېل قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل كارتا ئارقىلىق مەيداندىن چۈشۈرىۋىتىلىپ سىلوۋىنىيە كوماندىسىنى ئادەم سانى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، ئالجىرىيە كوماندىسى ۋارېتارىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى سىلوۋىنىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.ئاخىرقى نەتىجىنىمۇ بىرگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ Cگورۇپپىدا بىرىنجى ئورۇنغا ئۆتتى.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991