باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
ب گورۇپپا مۇسابىقىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-13 01:11:03  يازغۇچى:يازمام  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:637   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
2010-يىل 6-ئاينىڭ12-كۈنى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 2-كۈنىگە قەدەم قويدى، ب گورۇپپىدىكى كورىيە كوماندىسى گېرىتسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىغە چۈشتى، كورىيە كوماندىسى ئۇدا يەتتە قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەچكە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىنى تولۇق نامايەن قىلىپ 2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان گېرىتسىيە كوماندىسىنى ئىزچىل پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، بۇ مۇسابىقە كىشىگە خۇددى كۈچلۈك بىر كوماندا بىلەن ئاجىز كوماندىنىڭ ئېلىشىشىنى ئەسلەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 7مىنۇت بولغاندا كورىيە كوماندىسى ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 7مىنۇت بولغاندا دۇنيادىكى داڭلىق كۇلۇپ ئەنگىلىيە مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان پىياۋجېشىڭ كورىيە كوماندىسى ئۈچۈن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ كورىيە كوماندىسىنى ئىككى توپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى،بۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى 2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونى گېرىتسىيە كوماندىسى ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي قالمايدۇ، شۇ قېتىمقى ئاساسلىق كۈچىنى ساقلىغان خەلقىئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەت تەرتىۋىدە 13-ئورۇندا تۇرىدىغان گېرىتسىيە كوماندىسى 41-ئورۇندا تۇرىدىغان كورىيە كوماندىسى ئالدىدا پەقەت ئۇزۇن پاس ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بوي جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى نامايەن قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئامال تاپالمىدى، كورىيە كوماندىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.80مېتىردىن ئېگىز كېلىدىغان ئوتتۇرا بېكلىرى ئۇلارنىڭ بۇ شىرىن چۈشىنىمۇ كۆپۈككە ئايلاندۇردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ بۇ يىل 71ياشقا كىرگەن بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ گېرىتسىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى رېھاگېلمۇ تاكتېكا جەھەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىدى، ئەينى يىلدىكى گېرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى بىر كوماندىنى شۇ بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرۈشتىن باشقا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە ئېلىپ كىرىپ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى بەيرېن مىيۇنخىن شارېك04 قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈرگەن،2004-يىلى گېرىتسىيە كوماندىسىنى ئۆز دۆلىتىدە ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرگەن بۇ قابىل مەشقاۋۇلمۇ مەغلۇبىيەتكە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولدى،نەتىجىدە كورىيە كوماندىسى ئىككى توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن نېگىرىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى،پۇتبول مەستانلىرىنىڭ قەلبىدىكى داڭلىق چولپان مېسسى، پېشقەدەم ماھېر ۋېرون قاتارلىق ئارگېنتىنا ماھېرلىرى ئۆزىنىڭ چىرايلىق ماسلىشىشلىرى ئارقىسىدا مۇسابىقە باشلىنىپ 5مىنۇتتىن ئۆتكەندە ۋېروننىڭ چىرايلىق توپ تاشلىشى بىلەن ئارگېنتىنا بېكى ھېگگىنىز چىرايلىق كاللا توپتىن بىرنى ئۈسسۈپ ئارگېنتىنا كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، ئافرىقا بۈركۈتى نېگىرىيە كوماندىسىمۇ كۈچلۈك رەقىبى ئاستىدا بوي بەرمەستىن تىركەشتى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پىلاتېنى رېپىرلارغا مېسسىغا ئوخشاش تېخنىكىنى ئاساس قىلىدىغان توپچىلارنى قوغداشنى جېكىگەن بولۇپ نېگىرىيە كوماندىسىمۇ مۇسابىقە ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ مېسسىنى ھەم ئارگېنتىنا كوماندىسىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەمما ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 15مىنۇتلاردىن كېيىنلا تاكتېكا جەھەتتە تەمكىن ھالەتكە ئۆتتى، ئۆزلىرىنىڭ شىددەت بىلەن تېز ھۇجۇمغا ئۆتۈشتەك ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلماي ئىتالىيەگە خاس بىر خىل قوغدىنىش خاراكتېرىدىكى تەمكىنلىك ھالىتىدە مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇردى، بۇ قېتىمقى ئارگېنتىنا كوماندىسىدا دۇنياۋى داڭلىق ھۇجۇمچىلاردىن ئالتە نەپەر بار بولۇپ مارادونا ھەممىسىنى جەنۇبى ئافرىقىغا ئېلىپ كەلگەن، مېسسى،تېۋىز،ھېگۇئايىن،پالېرمو،مىلىتو ۋە مارادونانىڭ كۈيئوغلى ئاگۈيرو ھەممىسى قارشى تەرەپ ئۈچۈن ھەرقانداق خەۋىپنى ئېلىپ كېلەلەيدىغان ھۇجۇمچىلار ئىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 80مىنۇت بولاي دېگەندە مارادونا بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنى بولغان مىلىتوغا مەيدانغا چۈشۈ پۇرسىتى بەردى،نەتىجە ئاخىرىدا ئاگېنتىنا كوماندىسىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقە بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولۇپ تاماششىبىنلارنىمۇ رازى قىلدى، مېسسىنىڭ چىرايلىق ھەركەت ھەم ھۇجۇملىرى، نېگىرىيە كوماندىسىنىڭ ۋارېتارىنىڭ چەبدەسلىكى، نېگىرىيە كوماندىسىدىكى ياكۇبۇ،مارتېنىزلارنىڭ تېزلىكتە ھۇجۇمغا ئۆتۈشلىرى تاماششىبىنلارنىڭ قىقاس سۈرەنلىرى مەيداننى قاينام-تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۆمدۈردى، پۇتبول مەستانلىرىنىڭ ھەممىسى دىققىتىنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 2دىن30مىنۇت ئۆتكەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان س گورۇپپىدىكى ئەنگىلىيە كوماندىسى بىلەن ئامرېكا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىگە قاراتتى.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991