ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋەر قىلىدۇ: ئالتە كۈن داۋاملاشقان ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس مۇسابىقىسى 30 – ماي ئۈرۈمچى ‹‹قىزىلتاغ›› تەنھەرىكەت سارىيىدا غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. ئومۇمىي نەتىجىدە قەشقەر ۋىلايىتى كوماندىسى 1 – لىككە، ئالتاي ۋىلايىتى كوماندىسى 2 – لىككە، ئۈرۈمچى شەھىرى كوماندىسى 3 – لىككە ئېرىشتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ئوبلاست، ۋىلايەت، شەھەردىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشتى، قىزلار گۇرۇپپىسىنىڭ بوكس مۇسابىقىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى. قەشقەر ۋىلايىتى كوماندىسى مۇسابىقىدە ئۇنىۋېرسال كۈچىنى نامايان قىلىپ، 230.5 نومۇرغا ئېرىشتى. قاراماي قىزلار بوكس كوماندىسىدىكى ئۈچ ماھىرنىڭ ئىككىسى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، بىر نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسىي قاتلامدىكى بوكس تىرېنېرلىرىنىڭ سەۋىيەسى ۋە بوكس تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ماھارىتى ئۆسكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر يىلى ئىككى قېتىم چوڭ كۆلەملىك بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ماھىرلارنىڭ مۇسابىقە تەجرىبىسى موللاشتۇرۇلىدىكەن ھەم قىز بوكسچىلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ياراملىق قىز بوكسچىلار يېتىشتۈرۈلىدىكەن.
|