باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ تەنتەربىيەسى >>  
 
ئاپتونوم رايونلۇق 2010–يىللىق ستۇدېنتلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكە
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-12 22:17:48  يازغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى  ئاۋاتلىقى:349   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

ئاپتونوم رايونلۇق 2010–يىللىق ستۇدېنتلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى


  روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 2010 – يىللىق ئىستۇدېنتلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 28 – مايدىن 30 – مايغىچە ئۈرۈمچى ‹‹قىزىلتاغ›› تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
   ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بۇ مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن 28 كوماندىدىكى 800گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، ئوغۇللار، قىزلار ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىلەشتى. ئۈچ كۈنلۈك كەسكىن رىقابەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئومۇمىي نەتىجىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – لىككە، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 2 – لىككە، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى 3 – لىككە ئېرىشتى. 40 نەچچە تۈردە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
   ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەنتەربىيە، سەھىيە، سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئوسماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان تەنتەربىيە دەرس ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلىتىش ۋە ئۇنى ئوقۇغۇچىلارغا ماسلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكلەش شۇنداقلا قۇياش نۇرى تەنتەربىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇنەۋۋەر ماھىرلارنى تاللاش ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

 

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991