روشەنگۈل ئابدۇراخمان ، پىراكتىكانت زۇلپىيە ئابدۇۋەلى خەۋەر قىلىدۇ: 26 – يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، يېڭىشەھەر رايونى ۋە بۇلاقتاغ رايونىغا قاراشلىق 12 باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسى ئۈرۈمچى ‹‹قىزىلتاغ›› تەنھەرىكەت مەيدانىدا مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مەخسۇس مۇسابىقە كىيىمى كىيگەن بۇ كىچىك ئەزىمەتلەر ھاۋانىڭ سوغۇقلۇقىغا قارىماي كارامىتىنى كۆرسەتتى. ئۇقۇشىمىزچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىكى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە بۇلتۇر 10 – ئايدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 16 ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 30 نەچچە باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشقان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە قار – مۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قارلىق مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدىكى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا پۇتبولنى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش، شۇ ئاساستا ياراملىق پۇتبول مايسىلىرىنى بايقاش ۋە تاللاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
|