ياۋ چۈنليەن خەۋەر قىلىدۇ: قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، بۇرچىن ناھىيەسى قاناس چەۋەندازلىق مەدەنىيەت شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تۇنجى نۆۋەتلىك قاناس خەلقئارا چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قاناس مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قاناس بىلەن شياڭگاڭ ھەمكارلىشىپ، بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزىدىغان چوڭ تىپتىكى ساياھەت تەنتەربىيە مۇسابىقىسى. بۇ چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتە قاناسنىڭ داڭلىق ساياھەت ئورنىلىق ئوبرازىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەت، يايلاق، ئات ئۈستى مەدەنىيەت مەزمۇنىنى قېزىپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان. ھازىر مەنزىرە رايونىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، كەسپىي ئات كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئاتلارنى تاللىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، نەسىللىك ئاتلىرىنى ئۆيلىرىدە بېقىپ كۆندۈرۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە مەنزىرە رايونىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار يىلدا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئات تاللاش، ئات بېقىش، ئات كۆندۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئېلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
|