شىنجاڭلىق ماھىر مىرئەخمەت مۇزەپپەر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا
 مىرئەخمەت مۇزەپپەر
بۇ يىل بىرىنچى ئايدا جۇڭگو دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى مەشىق تىزىملىكىگە كىرىپ ، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان تۇنجى ئۇيغۇر پۇتبولچى ، خېنەن جيەنيې كۇلۇبىنىڭ شىنجاڭلىق ماھىرى مىرئەخمەت مۇزەپپەر ، 26–ماي ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدا يەنە بىر قېتىم مەيدانغا چۈشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە مىرئەخمەت مۇزەپپەرنىڭ خېنەن جيەنيې كۇلۇبىغا كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان رەسمىي مۇسابىقىسى بولۇپ ، مۇسابىقىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خېنەن جيەنيې كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى توپىنىڭ كىرىشىگە ياردەم بەردى ، نەتىجىدە خېنەن جيەنيې كۇلۇبى 2:2 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ يىجۇڭ كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. خېنەن جيەنيې كۇلۇبى ھازىر 15 نومۇر بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. مىرئەخمەت مۇزەپپەر شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ، شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبى ئۇنى تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خېنەن جيەنيې كۇلۇبىغا بىر يىللىق ئىجارىگە بەرگەن ، بۇ مىرئەخمەت مۇزەپپەرگە بىر چېنىقىش پۇرسىتى بولدى.
 بارى
ھازىر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدا مىرئەخمەت مۇزەپپەردىن باشقا يەنە خاڭجۇ لۈچىڭ كۇلۇبىدىكى بارىي بار بولۇپ ، ئۇلار ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدىكى مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەردى.
|