باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ تەنتەربىيەسى >>  
 
‹‹تۇلپار››ھامان تۇلپار
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-12 22:11:23  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   ئاۋاتلىقى:675   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

      بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىزنىڭ تەنھەرىكەت سەھنىسىدە ‹‹جۇڭگو بوكس بىرلەشمە مۇسابىقىسى›› دېگەن نام كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. جۇڭگو بوكسچىلىقىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش، مەملىكىتىمىز بوكس ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا مۇسابىقىلەردە ئېلىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ياراملىق بوكس ئىز باسارىنى تەربىيەلەش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بۇ مۇسابىقە جۇدو، چېلىشىش، بوكس قاتارلىق ئېغىر كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىكى تۇنجى مەملىكەت خاراكتېرلىك بىرلەشمە مۇسابىقە بولۇپ، مەملىكىتىمىز بوكس ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش ئىدى. ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكىتىمىز بوكس سەھنىسىدە ئالدىدا چېپىپ كېتىۋاتقان ‹‹تۇلپار››لاردىن بولغاچ، تەبىئىيلا تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئالتە كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ھەم تەلەپ بويىچە شىنجاڭ ‹‹تۇلپار›› بوكس كۇلۇبىنى قۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ‹‹بەيگە››گە ئاتلاندى.
 
   ئەپسۇس، ئويلىمىغان يەردىن بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە، شىنجاڭلىق ‹‹تۇلپار››لار كۈچلۈك رەقىبلىرىنىڭ ئالدىدا قۇيۇندەك چېپىۋاتقان تۇلپارغا ئوخشىماي قالدى. ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئىچكى موڭغۇل ۋە ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ،شىمال مۇسابىقە رايونىدىكى ئۈچ كۇلۇب كوماندىسى ئىچىدە ئاخىرقى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. ماھىرلىرىمىزدىن پەقەت نىجات ھۈسەنلا ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، ‹‹تۇلپار››غا خاس سالاپىتىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، قالغان ماھىرلارنىڭ نەتىجىسى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ، شىنجاڭلىق بوكس ھەۋەسكارلىرى بىر – بىرىگە تەبىئىيلا ‹‹<تۇلپار>غا نېمە بولدى؟›› دېگەن سوئالنى قويۇشتى.
   دۇرۇس، ‹‹تۇلپار››غا نېمە بولدى؟ ئاددىي جاۋاب شۇكى، ‹‹تۇلپار›› يەنىلا تۇلپار، ئۇنىڭغا ھېچنېمە بولغىنى يوق، ‹‹تۇلپار›› پەقەت تېخىمۇ چوڭ ‹‹بەيگە››لەردە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ توپلاۋاتىدۇ، خالاس.
   بۇ يىل فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكىلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئاساسىي قاتلام بوكس ترېنېرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى. شۇ قېتىملىق كۇرستا، بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ماڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىنىسۆزلەۋېتىپ، ‹‹يەنە ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ بوكسچىلىقىدا پىرامىدا شەكىللىك تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىغانلىقى، پىرامىدانىڭ چوققىسىدا دۇنيا چېمپىيونلىرى، ئولىمپىك چېمپىيونلىرى، ئۇنىڭ تۆۋىنىدە ئاسىيا چېمپىيونلىرى، مەملىكەت چېمپىيونلىرى، ئەڭ تۆۋىنىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا ياراملىق <نوتا> يېتىشتۈرىدىغان بوكس بازىلىرى ۋە ياراملىق ئۆسمۈر بوكسچىلار بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئىشنى ئاساسىي قاتلامدىكى تىرېنېرلارنى تەربىيەلەشتىن باشلىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇنداق كۇرسلارنى داۋاملىق ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تىرېنېرلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى›› توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرلىرىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. مانا ئابلىكىم ئابدۇرېشىت بۇ قېتىممۇ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك بوكس بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشتەك شان – شەرەپكە، كوللېكتىپ چېمپىيون بولغان كوماندىلارغا بېرىلىدىغان 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ‹‹كۆز قىزارتماي››، مۇسابىقىگە ئاساسەن ياش ماھىرلارنى قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك رەقىبلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ، تەجرىبە توپلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ ‹‹تۇلپار›› بوكس كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ئىقتىدارى يوقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. 51، 62، 73، 84، 91 + كىلوگىراملىقلاردىن ئىبارەت بەشلا دەرىجە ئايرىمىسى تەسىس قىلىنغان، بەش ماھىردىن ئۈچى ئۇتسىلا، رەقىبىنى يېڭىپ، ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىدىغان بۇ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ‹‹تۇلپار›› بوكس كۇلۇبى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ، قانات ئىسلام، زىبىبۇللا مۇھەممەت، نىجات ھۈسەن قاتارلىق داڭلىق ماھىرلىرىمىزنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرسا، ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىش دېگەن ‹‹تۇلپار›› كوماندىسىغا تەس ئەمەس ئىدى. 21 – ماي مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ، قەيسەر ئالىم قاتارلىق ماھىرلىرىمىزنىڭ مەيدانغا چۈشۈشى بىلەن، ‹‹تۇلپار››لىرىمىزنىڭرەقىبىنىڭ مەيدانىدا بىردە تۆت نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغان ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىنى خېلى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۇتقانلىقى، ھەتتا، 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشۈپ كېلىۋاتقان مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭنىڭ 73 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 20 نومۇر پەرق بىلەن رەقىبىنى يەڭگەنلىكى، نىجات ھۈسەننىڭ 2 – كونتېردىلا رەقىبىنى يەر چىشلەتكەنلىكى سۆزىمىزنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ، قانات ئىسلام، نىجات ھۈسەن خۇددى شىنجاڭ كوماندىسىنى ‹‹كۆتۈرە›› ئېلىۋالغاندەك، ھەممە مۇسابىقىگە شۇلارلا قاتناشسا، چېمپىيونلۇقنى ئالدى، دېگەن تەقدىردىمۇ، ياش ماھىرلارغا يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەردە كۈچلۈك رەقىبلەر بىلەن تۇتۇشۇپ ئەمەلىي تەجرىبە توپلايدىغان پۇرسەت، شارائىت كېرەكقۇ!
   بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىدە، ياش ‹‹تۇلپار››لىرىمىز كۆپچىلىك غەلىبىسىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن ‹‹چوڭ تۇلپار››لىرىمىزدەك بولالمىدى، بىراق ئەڭ قىممەتلىك يېرى، ئۇلار كۈچلۈك رەقىبلىرى بىلەن ئېلىشىپ، مەملىكەت چېمپىيونلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىدىن بەكمۇ زور دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا، چېمپىيونلۇقنىڭ ئۇلاردىن بەكمۇ يىراق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى، مانا شۇنىڭ ئۆزىلا زور غەلىبە. خۇلاسە شۇكى، شىنجاڭ بوكسچىلىقى مەملىكىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىز تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ئۇچقۇر تۇلپار ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان رېئاللىق. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، ‹‹تۇلپار›› ھامان تۇلپار، بىر نەچچە قېتىملىق مەغلۇبىيەت شىنجاڭ ‹‹تۇلپار››لىرىنىڭ سۈر – ھەيۋىسىنى سۇندۇرالمايدۇ، ‹‹بەيگە››دە غەلىبە ھامان ‹‹تۇلپار›› لىرىمىزغا مەنسۇپ بولىدۇ.

 

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991